ھىندستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىدا تۇرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلرى ۋە جازا لاگىرلىرى ھەققىدە قارار ئىلىندى

ئۇشبۇ قۇرۇلتاي 25- 29 سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايغا خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق ۋەكىللىرى، 300 دىن ئارتۇق يازغۇچىلار قاتناشقان. ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى ۋە مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر مەركىزى بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىغا تەييارلىغان قارارنامە قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا تاپشۇرۇلغان ئىدى.

ھىندىستاندىن خوش -خەۋەر 

ھىندىستاننىڭ پۇنې شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «84- قېتىملىق خەلقئارا قەلەمكەشلەر» قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى. ئۇشبۇ قۇرۇلتاي 25- 29 سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايغا خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق ۋەكىللىرى، 300 دىن ئارتۇق يازغۇچىلار قاتناشقان. ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى ۋە مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر مەركىزى بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىغا تەييارلىغان قارارنامە قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا تاپشۇرۇلغان ئىدى. ھىندىستاننىڭ پۇنې شەھر ھىيات مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بۇ يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى 29-سېنتەبر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10؛12 مىنۇت ئۆتكەندە خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ تۈرلۇك مۇناسىۋەت ۋە قاناللاردىن پايدىلىنىپ، ئىزچىل ھەرىكەت قىلىشى ۋە تەلەپ قىلىشى بىلەن، ھەم نورۋىگىيە، دانىيە، شىۋېتسارىيە، ئەنگلىيە، ۋېنگىرىيە، ئامېرىكا، خوڭ كوڭ، تۈركىيە، ئېستونىيە، ئۇكرائىنىيە، دانىيە، ياپونىيە، كورىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تىراگىدىيىلىك جىددىي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقان قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى تەرپىدىن تەييارلانغان خىتاي تۈرمىسى ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر، ئاكادېمىك، زىيالىيلار، ئارتىستلارنىڭ تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش، جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش ھەققىدىكى «84- قېتىملىق خەلقئارا قەلەمكەشلەر» قۇرۇلتىيىنىڭ 22-نومۇرلۇق قارارنامىسى قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان بارلىق دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ تولۇق قوللاپ ئاۋاز بېرشى تەستىقتىن ئۆتۇپ ماقۇللاندى. خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى. پۇنې شەھىر، ھىندىستان 2018-يىلى 28-سېنتەبر www.uyghurpen.org

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ئەركىن سىدىق ۋاشنگىتوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن نېمىلەرنى دېيشتى ؟

سە ئۆكتەبىر 9 , 2018
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-ئۆكتەبىر فايىرفاكىس شەھىرى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى   10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كىين سائەت بەشتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون ئەتراپىدىكى فايىرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش مەركىزى يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن تولدى،ئادەتتىكى قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈلگەن پائالىيەت مەركىزىدە چوڭلار،ياشلار ھەتتا بالىلارغىچە جەم بولغان بولۇپ،ئۇلار بۇگۇن بۇ يەردە بىر ئەھمىيەتلىك […]

You May Like