ھىندىستان خىتاينىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» ئورنىنى ئالالامدۇ؟

ھىندىستان خىتاينىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» ئورنىنى ئالالامدۇ؟

 ھىندىستان خىتاينىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» ئورنىنى ئالالامدۇ؟

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى  22-ئاپرېل

 يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ھىندىستان 1مىليارد 400 مىليونلۇق نوپۇس بىلەن دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىش ئالدىدا. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستاندا تۇغۇلۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس سانى 1مىليارد 100 مىليوندىن ئېشىپ (ئومۇمى نوپۇسنىڭ 75 پىرسەنتى) دۇنيادىكى باشقا چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىلەردىن يۇقىرى بولغان. 

ئۇنداقتا ھىندىستان خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى «دۇنيا زاۋۇتى» ئورنىنى ئېلىپ ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنالامدۇ؟ قاتار «ئەلجەزىرە» خەۋەر قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:

ھىندىستاندا ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسى ئېشىپ مېڭىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئەكسىچە خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى يۇقىرىلىماقتا. 2022-يىلى خىتايدىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىتىشكە قاراپ يۈزلەندى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 1978-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 10 پىرسەنت ئەتراپىدا ئۆرلەپ كەلگەن ئىدى، ئەمما ھازىرقى ئەمگەك كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكتەك ئەھۋال ئاستىدا 2022-يىللىق خىتاي دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى نىسبىتى ئاران 3 پىرسەنت ئۆرلىدى، بېيجىڭ تەرەپنىڭ ستاتىستىكىسى بويىچە ئېيتقاندىمۇ 2023-يىلىدا بۇ سان پەقەت 5 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يامرىشى ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان گېئوپولىتىكىلىق ۋەزىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە مەبلەغ سالغۇچىلار نۆۋەتتە تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتايدىن باشقا جايلارغا يۆتكەشنى پىلانلاۋاتىدۇ…

«ئەلجەزىرە» قانىلى نوپۇزلۇق ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ستاتىستىكىچىلارنىڭ تەھلىلىگە ئاساسەن مۇنداق دەپ يازىدۇ: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھىندىستان ئۈچۈن ھەم پايدىلىق ھەم زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ھىندىستان ھەر يىلى ئەمگەك كۈچى بازىرىغا كىرگەن مىليونلىغان كىشىلەرگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك، ئەمما بۇ مەسىلىنى ئۇلار ھازىرچە ھەل قىلالمايۋاتىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىش. ئەمما پۇرسەت بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتىدۇ، ئەگەر ھىندىستان بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتمىسە نوپۇستىكى ئارتۇقچىلىقى ئەكسىچە ئۇلارغا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئوخشاش ئەڭ زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن…بۇ ھەقتە بەزى تەتقىقاتچىلار پاسسىپ پوزىتسىيە بىلەن تەھلىل قىلىپ ھىندىستاننىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ قارىغان بولسا، يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ھالنى ھىندىستاننىڭ خىتاي ئورنىنى ئېلىپ «دۇنيا زاۋۇتى» بولۇشىغا يول ئاچىدۇ دەپ تەھلىل قىلىشماقتا.

ھىندىستان دۆلەت ئەقلى ئامبىرى بولغان «يېڭى دېھلى خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات كومىتېتى»نىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى دىكا كاپۇرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ خىتايدىن باشقا رايونلاردا مەبلىغىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقىنىدەك بىر ۋەزىيەتتە، ھىندىستان تولۇق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بولۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا 60 ياشتىن يۇقىرىدىكىلەرنىڭ نوپۇسى نۆۋەتتىكى 20 پىرسەنتتىن 30 پىرسەنتكە كۆتۈرۈلىدىكەن. يېقىندىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش يېڭى بازىسىغا ئايلىنىۋاتقان ۋىيېتنامنىڭ نوپۇسىمۇ تېز سۈرئەتتە قېرىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئەكسىچە ھىندىستان بۇ جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، زور ساندىكى ئەمگەك كۈچى خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. 

بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى، «ئالما» شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان تەيۋەننىڭ فوكسكون (Foxconn) شىركىتى يېقىندا ھىندىستاندا 200 مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن زاۋۇت قۇرۇشنى پىلانلىغان، مەزكۇر زاۋۇت دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان «ئالما» تېلېفونلىرىنىڭ سىمسىز تىڭشىغۇچلىرىنى( AirPods) ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن. 

پروفېسسور دىكا كاپۇرنىڭ قارىشىچە نۆۋەتتە ھىندىستاندا ئەڭ كەمچىل بولۇۋاتقىنى بولغىنى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن كەسپى تېخنىكا خادىملىرى سانىنىڭ ئاز بولۇشى ئىكەن. ئۇ يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەيدۇ: « دۆلىتىمىز ھازىر تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىن پايدا ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي كارخانىلار ئوتتۇرىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پروگراممىلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تېخنىكا ساپاسىنى كۆتۈرۈش بەك مۇھىم…»

 «ئەلجەزىرە» تورىنىڭ شۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىقلارغا ئۇچرىدى

يە ئاپرېل 23 , 2023
فىرانسىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىقلارغا ئۇچرىدى

You May Like