ھەر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستاننى قوللاش ساداسى

ئامېرىكىدا چىققان ئۇيغۇر قانۇن لاھىيىسى تەستىقلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكىمىتى ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۆھمەت چاپلاپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تېرورىست قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-12-22

 

سايئوغلى

 

ئامېرىكىدا چىققان ئۇيغۇر قانۇن لاھىيىسى تەستىقلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكىمىتى ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۆھمەت چاپلاپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تېرورىست قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى . بۇ توغرىسىدا ساختا ۋىدىيولارنى تارقاتتى. كۆنۈپ كەتكەن ئادىتى بويىچە ھەرخىل تۆھمەتلەرنى چاپلىغان ئىدى. ئارقىدىن تۈرۈك ئەسىللىك گېرمانىيلىك داڭلىق پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل پۈتۈن دۇنيانى ۋە ئىسلام ئەللىرىنى شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشقا چاقىرغان ئىدى. خىتاي ھۈكۈمىتى مەسئۇت ئۆزلىگىمۇ تىرورچىلارنى قوللىغان دىگەندەك تۆھمەت چاپلاپ، خىتايدىكى 13يىللىق ھەۋەسكارلىرى قوللاشنى توختىتىش، مۇسابىقىللىرىنى كۆرمەسلىككە ئوخشىغان ھەرخىل تەھتىتلەرنى سالدى.مەسئۇت ئۆزىل ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ ئارقىسىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقنى بىلدۈرگەندىن كېيىن،تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل باشلىق نۇرغۇن شەھەرلىرىدە شەرقى تۈركىستاننى ۋە مەسئۇت ئۆزىلنى قوللاش نامىدىكى «تارىخى بىر نامايىش» مەيدانغا كەلدى. بۇ بىر قاتار شەرقى تۈركىستاننى قوللاش ھەركەتلىرىدىن كېيىن ئەرەپ دۇنياسى #خىتاي دۆلىتى تېرورىست، #خىتاي تىروچى …قاتارلىق ھەشتەكلىك ھەركەت باشلىنىپ بىر كۈندىلا بىر مىليۇنغا يېقىن ھەشتەك توپلانغان، كۆرۈلۈش قېتىم سانى نەچچە مىليۇنغا يەتكەن. قۇرئان كەرىم ئالى ئىمران سۈرىسىنىڭ 54-ئايتىدە كەلگەندەك :«ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلەتتى،ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئەڭ ئوبدان بەرگۈچىدۇر»، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە تۆھمەت قىلىشى ئۆزىنىڭ بېشىغا ياندى. مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش، ئاۋىستىريەنىڭ تۈنۈگۈن سالىز بۇرۇگتا، بۈگۈن ۋىياننادا ئۆتكۈزگەن نامايىشى، بۇ نامايىشقا ئاۋىستىريەدىكى ئۇيغۇرلار، يەرلىك خەلىق، تۈرۈكلەر، ئەزەربەيجان، مىسىر ۋە تۇنىستىن بولۇپ مىڭدىن كۆپ كىشى قاتناشقان. خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاش ھەققىدىكى نامايىشلىرى ھەقىقەتنىڭ يۈزىنى ئاچتى. تاجاۋۇزچى زالىملارغا دۇنيانىڭ بىر جاۋابى بولدى.
20-چىسلا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمىننى قايتۇرۋالغانلىقنىڭ 20-يىللىقنى خاتىرلەش كۈنىدە يەنە بىر قېتىم خەتنى خاتا ئۇقۇپ كۈلكىگە قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يۈزىنى ئاۋايلاپ ئۇ ۋىيدىيونى تەكرار تارقاتماسلىقنى تەكىتلەپ لېكسىيەنى توغرىلاپ تېكىستنى تارقاتتى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ رەئىسلىككە ئولتۇرغاندىن كېيىن تەخمىنەن ھەر يىلغا بىر تەييار خەتنى خاتا ئۇقۇشى بولۇپ، «سەۋىيەسى»نى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. تەھلىلچىلەر بۇ قېتىم ئاۋمىندا تۇرۇپ ئاۋمىن سۆزىنى خوڭكوڭ دەپ ئۇقۇپ قويۇشى سەۋىيەسىزلىكتىن ئەمەس، خوڭكوڭ مەسىلىىسى شى جىنپىڭنىڭ چوڭ باش ئاغىرقىغا ئايلانغان بولۇپ دىلىدىكى تىلىغا چىققان دەپ كۆرسەتتى. شەرقى تۈركىستاننى قوللاش ساداسى دۇنيادا بۇ قەدەر كۈچلۈك بولۇۋاتقان دەقىقىلەردە چۈشى بوزۇلۇپ ھەركۈن كېچە شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان )دەپ جۆيلۈپ چىققۇسى.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاينىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى قاتتىق ئاشتى، مايۈنگە بىر كۈندە قەرز ئېلىش ئۈچۈن بەش تېلفۇن كەلدى.

سە دېكابىر 24 , 2019
22-چىسلا «جېجىياڭ سودا ئۇيۇشمىسى» 2019-يىللىق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا ئۇيۇشما رەئىسى، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ سابىق رەئىسى، خىتايدىكى 1-باي مايۈن يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئېچىلىپ قالدى. 20-چىسلا جۈمە كۈنى مايۈننىڭ 5دوستى ئارقا-ئارقىدىن قەرز سوراپ تېلفۇن قىلغان

You May Like