چاقچاقچى، غۇلجا خەلق سەنئەتكارى ھېبى ئالەمدىن ئۆتتى

چاقچاقچى، غۇلجا خەلق سەنئەتكارى ھېبى ئالەمدىن ئۆتتى

 چاقچاقچى، غۇلجا خەلق سەنئەتكارى ھېبى ئالەمدىن ئۆتتى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 2-نويابىر

غۇلجا  خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، چاقچاقچى، ساخاۋەتچى ھەبىبۇللام ئابدۇرېھىم (ھېبى دەپ چاقىرىلىدۇ) 2022-يىلى11-ئاينىڭ2-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.

ھېبى يىللاردىن بىرى كېسەللىك ئازابى بىلەن ياشىغان بولۇپ، ‍ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ئۆز كۈلكە چاقچاقلىرى بىلەن مەنىۋى كۈچ بېغىشلاپ، مەردانە چاقچاقلىرى بىلەن خەلقىمىزگە كۈلكە ۋە ھۇزۇر بېغىشلاپ كەلگەن خەلق سەنئەتكارى ھېسابلىنىدۇ.

ھېبى غۇلجىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر چاقچاقچىلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ لەتىپە-چاقچاقلىرى مەنىگە باي، يۇمۇرغا تويۇنغان، تەبىئىي ۋە ھازىر جاۋاب سۈپەتلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى.

ھېبى يەنە تاپقان كىرىمىنى غۇلجىدىكى يېتىم بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ چاقچاقلىرىدا  يېتىم بالىلارنى «بالىلىرىم »دەپ چاقىراتتى.

ۋاپات بولغانلىق خەۋەر مەنبەسى: تۇرسۇن روزى فايىس بۇك ھېساباتى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %2 داڭلىق ئالىملار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ۋەتەندىن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئالىم تىزىملىككە كىردى

چا نويابىر 2 , 2022
دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %2 داڭلىق ئالىملار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ۋەتەندىن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئالىم تىزىملىككە كىردى

You May Like