گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن قېرىنداشلار فەيىسبوكتا ئۇچۇر قىلىپ ئۈزىنىڭ گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ نۇرغۇن سۇئالارنى سورىدى. ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا بىلگىنىمچە تۇلۇق جاۋاب بىرىپ كىلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن بۇ سۇئاللارنى ئاساس قىلىپ رەتلەپ ئېلان قىلدىم. باشقىلارنىڭمۇ پايدىلنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قۇيۇڭلار. بولسا باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارمۇ ئۈز دۆلىتىڭلاردىكى سىياسى پانالىق تىلەش ھەققىدىكى بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلارنى يېزىپ ئېلان قىلىپ باشقىلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت يارتىپ بىرىڭلار.

1. قانداق كىشلەر سىياسى پانالىق تىلسە بۇلىدۇ؟

– ئۇرۇش، زوراۋانلىق، ھەرخىل ئاپەت يەنى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ياشاش ئىمكانىيتى بولمىغانلار

– سىياسى كۆز قارشىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدىغانلار

– مىللىتى، دىنى سەۋەبىدىن كەمسىتىلدىغانلار

– ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇراۋاتقانلار

– ھەمجىنىس بولغانلىقى ئۈچۈن كەمسىتىلدىغانلار

يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشىدىغانلار پانالىق تىلەش سالاھىيتىگە ئىگە. بۇنداق سالاھىيەتكە ئىگە كىشلەر ئامىرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كىلىپ پانالىق تىلسە بۇلىدۇ. مەن ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پانالىق تىلەش ھەققىدە توختىلىمەن. خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېرقى قىرغچىنچىلىق يۈرگىزىۋاتقان بولغاچقا ئۇيغۇرلار سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە 100% چۈشدۇ. مەن ئاساسلىقى گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم دەپ بىلگەن بەزى نوقتىلارنى سۇئال-جاۋاب ئاساسىدا تەييارلىدىم.

1- گوللاندىيەگە قانداق بېرىپ سىياسى پانالىق تىلەيمەن؟

گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلەش ئۈچۈن ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىلىپ پانالىق تىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئەمما خىتاي پاسپورتى بىلەن گوللاندىيەگە ۋىزا ئىلتىماس قىلسا تەلەپ قىلدىغان ماتېرىياللار ۋە ۋاكالەت پۇلى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يول نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كىلىدۇ.

يەنە بىر يول- دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندا ئامىستېردامدىن ئايرۇپىلان ئالمىشىدىغان بېلەتنى سېتىۋالسىز. ئەمما ئامىستېردامغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا چىقىرامدۇ-چىقارمامدۇ؟ بۇنى مەن بىلمەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىڭىزنىڭ تەلىينى سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. باشقىلار ئايرۇپىلانغا چىقىرپ قۇيمەن دىسە پۇل بىرىپ قويمىچىلارنىڭ ئالدام خالتىسغا چۈشۈپ كەتمەڭ. ئايرۇپىلانغا چىقىرىپ قالسا تەلىيىڭىزنىڭ كەلگىنى، ئامىستېردام ئايدۇرۇمىغا چۈشۈپ قەھۋەدىن بىرنى ئىچىپ دىمىڭىزنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇدۇل ئايرۇدۇمدىكى ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەن ئۇيغۇر، گوللاندىيەدىن سىياسى پانالىق تىلەيمەن دىسىڭىز ساقچى ئۇدۇل ساقچىغانغا ئېلىپ بارىدۇ. سىزنىڭ قۇلىڭىزغا كويزا سالمايدۇ. سىزگە قۇپال مۇئامىلە قىلمايدۇ.ساقچىخانغا بارغاندىن كىيىن ساقچى خادىمى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قەھۋە ئىچەمسەن ياكى چايمۇ دەپ سوراپ سىزخالىغاننى ئەكىلىپ بىرىدۇ. بەزى ساقچىلار سىز راسىت خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرمۇ بۇنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن دۇنيا خەرىتىسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سەن قايسى دۆلەتتىن كەلدىڭ؟ ماۋۇ خەرىتىدىن ئۈزەڭنىڭ دۆلىتىنى كۆرسىتىپ باق دەيدۇ. بۇ چاغدىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتمەي ۋەتەننىڭ ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ. ئاندىن سىزنىڭ بارماق ئىزىڭىزنى ئېلىپ سىزنى تىراپۇل دىگەن پانالىق تىلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇلازىمە قىلىش مەركىزىگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردە سىز گوللاندىيە ئەدىلىيە خادىمى بىلەن سىياسى پانالىق ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارسىز. بۇ يەردە سىز سىرىتقا چىقالمايسىز. سىز يەيدىغانغا تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى ھەقسىز بىرىدۇ. ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىز سىزگە ئۇيغۇرچە تەرجىمان تەرجىمانلىق قىلىدۇ. بۇ سۆھبەت جەريانىدا سىز ختاي پاسپورتىدىكى ئىسمىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس بەلكى خىتايچە يېزىلغانلقىنى ئېنىق دەپ مەن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئۈزەمنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمەن دەپ سۆھبەت خاتېرسىگە كىرگۈزۋېتىڭ. بولمىسا خىتايچە پىنيىنچە يېزىلغان ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىش بەك تەسكە توختايدۇ.ئاندىن سىزنى گوللاندىيەدىكى مالۇم بىر پانالانغۇچىلار تۇردىغان ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردۇ. ئائىلە بىلەن كەلگەن بولسىڭىز ئايرىم بىر ئۆيدە تۇرسىڭز. ئەگەر بويتاق بولسىڭىز ئوپچە ياتاق شەكىللىك ئۆيدە سىزگە ئوخشاش پانالىق تىلگۈچىلەر بىلەن بىللە تۇرسىز.ئەڭ ياخشىسى توي قىلمىغان بولسىڭىز توي قىلىپ كىلىڭ، بولمىسا يالغۇزلۇقنىڭ دەردى يامان. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بارماق ئىزى بىرشىڭىز شەرت. ھەرھەپتىدە ئادەم بېشىغا 55 ياۋرۇدەك پۇل بىرىدۇ. ئۆي ئىجارىسى، توك-سۇ پۇلى تۈلمەيسىز. سىزنى ساغلاملىق سۇغۇرتىسغا ئەزا قىلىدۇ. ھەرقانداق كىسىلىڭىز بولسا ھەقسىز داۋالىنالايسىز. بۇ ئارلىقتا گوللاندىيەنىڭ خالىغان يېرىگە بارالايسىز، ئەمما گوللاندىيەنىڭ سىرتىغا چىقسىڭىز بولمايدۇ.

2- سىياسى پانالىق ئىلتىماسىم قانچىلىك ۋاقىتتا قۇبۇل قىلىندۇ؟

سىياسى پانالىق ئىلتىماسىڭىز قانچىلىك ۋاقىتتا قۇبۇل بۇلشىغا ھىچكىم بىر نىمە دىيەلمەيدۇ. بۇ سىزنىڭ ئەدىلىيە مىنىستېرلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىياسى پانالىق سۆھبىتىڭىزگە باغلىق. يەنى سىز سۆھبەت جەريانىدا سىياسى پانالىق تىلشىڭىز ئۈچۈن قانداق ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنلكىڭىز ۋە قانداق ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە باغلىق. بەزى ئۇيغۇرلار تىراپۇلدىكى سۆھبەتتىن كىيىنلا سىياسى پانالىق قۇبۇل قىلىش ئوقتۇرشىنى ئالغانلارمۇ بار.ئادەتتە 6 ئاي ئىچىدە سىزگە جاۋاب بىرىدۇ. رەت قىلىنسىڭىز يەنە داۋاملىق ئادۋۇكات ئارقىلق قايتا ئىلتىماس قىلىش ھەققىڭىز بۇلىدۇ. ئادۋۇكاتنىڭ ھەققىنى سىز تۈلمەيسىز گوللاندىيە ھۈكۈمىتى تۈلەيدۇ. ھەتتا ئادۋۇكاتىڭىز بىلەن كۈرشىش ئۈچۈن بېرىپ كىلىش ئۈچۈن پويىز، ئاپتۇبۇسلارغا ھەقسىز ئولتۇرالايدىغان بىكارلىق كارات بىرىدۇ. خاتېرجەم بۇلۇڭكى ھىچقانداق ئۇيغۇرنى قايتۇرۋەتمەيدۇ. شۇڭا سىز جىدىيلىشىپ پانالىقىم قۇبۇل قىلىنمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. بۇ بىر ۋاقىت مەسلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن سەۋېرچانلىق بىلەن ساقلاڭ. بۇ جەرياندا ئىشلەشكە بولمايدۇ. بۇ ۋاقىت گوللاندىيە تىلى ئۈگنىشنىڭ، كىتاب ئوقۇشنىڭ، چېنىقىشنىڭ، ئارام ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.

3. سىياسى پانالىقىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قىلدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشم نىمە؟

سىياسى پانالىقىڭىز قۇبۇل قىلىنغاندىن كىين سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەزگىل ساقلايسىز. بۇ ئارلىقتا سىز خىتاي پاسپورتىدىكى خىتايچە يېزىلغان ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىڭ. يەنى خىتايچە پىنيىنچە ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرچە لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىڭ. كىملىك كارتىڭىزغا ئۈزىڭىزنىڭ ئەسلى ئىسمىڭىز يېزىلىدۇ

3- سىياسى پانالىقىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۆيگە ئىرشەلەيمەن؟

سىياسى پانالىقىڭىز قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئاساسلىقى سىزنىڭ بۇرۇن ۋەتەندە نىمە ئىش قىلغانلىقىڭىز، ئەمدى نىمىە ئىش قىلماقچى، قايسى شەھەردە ئولتۇرماقچى دىگەندەك تىمىلارنى ئاساس قىلىدۇ.سىزگىمۇ ئىنتېرناتتىن ئۆي تاللايدىغان بىر مەخپى نۇمۇر بىرىدۇ. بۇ مەخپى نۇمۇر ئارقىلىق ئۈزىڭزمۇ خالىغان يەردىن ئۆي تاللاپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. بولمىسا ئۆزلىرى سىزگە گوللاندىيەنىڭ خالىغان يەرلىرىدىن ئۆي تېپىپ بىرىدۇ. ئائىلە بۇيچە كەلگەن بولۇپ باللىرىڭىز جىقراق بولسا چوڭ ئۆي بىرىدۇ. بويتاق بولسىڭىز بىر ئېغىزلىق ئۆي ياكى باشقىلار بىلەن بىللە تۇردىغان ئوپچە ئۆي، تەلىيىڭىز كىلىپ قالسا بەلكى چوڭراق ئۆيمۇ بىرىپ قالىدۇ. بۇ ئىشلارغا ھىچكىم ئارلىشالمايدۇ. بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنشىڭىز كېرەك. بويتاق بولسىڭىز زىيان تارتىسىز.

4. ئۆيگە ئورۇنلاشقاندىن كىيىن نىمە ئىشلارنى قىلىمەن؟

سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرغانلىق ئوقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرھال سىزنى قۇبۇل قىلغان شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۆي توختامى ھەققىدە كۈرىشسىز. بۇ چاغدا سىزگە بېرىپ كىلشىڭزىگە قۇلايلىق بۇلشى ئۈچۈن ھەقسىز قاتناش كارتىسى بىرىدۇ. بېرىپ سىز ئولتۇرماقچى بولغان ئۆينى كۈرسىز. سىزگە ئۆي بىزەشكە، شۇنداقلا ئۆيگە لازىملىق توڭلاتقۇ، كىرئالغۇر، تېلۋوزۇر، كارۋات، يوتقان-كۆرپە، قاچا-قۇچا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالغۇدەك پۇل بىرىدۇ. بۇ پۇلنىڭ 30 پىرسەنتىنى كىيىن ھەر ئايدا سىزگە بىردىغان ياردەم پۇلىدىن ئاز ئازدىن ئۈچ يىل تۇتىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنى سىزگە ھەدىيە. گوللاندىيەدە باللارغا ھەرئايدا ۋە ھەر ئۈچ ئاي بىردىغان باللار ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسىز.ئۆيگە ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن سىزنى گوللاندى تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە ئىۋەرتىدۇ. بۇ سىزنىڭ كىيىن ئالى مەكتەپ، كەسپى مەكتەپلەردە ئوقۇشىڭىز ۋە خىزمەت تېپىپ ئىشلىشىڭىز ئۈچۈن ھالقىلىق پەيىت.شۇڭا تىلنى ياخشى ئۈگىنىڭ.

5. خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئالغان دىپلوم بىلەن خىزمەت قىلغىلى بۇلامدۇ؟

خىتاي ئونۋېرسىتلىرىدا ئالغان دىپلوملارنى مەخسۇس دىپلوم باھالايدىغان ئورگاندىن باھالاپ دەرىجىسنى بىكتىدۇ. خىتاي دىپلوملىرى بىلەن ئادەتتە خىزمەت تاپماق تەس. ئەگەر ئىنگىلىزتىلىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى بولسا ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ ئوقۇيالايسىز. دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنسىڭىزغەرپ دۆلەتلىرىدە ئادەتتە مۇئاش ئېلىپ ئوقۇيسىز.غەرپ دۆلەتلىرنىڭ دىپلوملىرى بىلەن ئىش تېپىپ ئىمكانىيتى ئاسانراق. بۇنىڭ ئۈچۈن يا ئىنگىلىز تىلىڭىزياكى گوللاندىچە تىلىڭىز ياخشى بۇلشى كېرەك.

5. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيتى بارمۇ؟

بار. سىز بۇرۇن تۇلۇق كۇرۇسنى ياكى ماگىستېرلقنى تاماملىغان بولسىڭىز، ئىنگىلىز تىلىڭىز ياخشى بولسا بىۋاستە ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتتىن قەرىز ئېلىپ ئوقۇيسىز، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قەرىزنى ئاز-ئازدىن قايتۇرسىز. ئوقۇش جەريانىدا بىر ياقتىن ئوقۇپ بىر ياقتىن ئىشلەش ئىمكانىيتى بار. دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنسىڭىز ئايلىق مائاش ئېلىپ ئوقۇيسىز.

6. سىياسى پانالىق ئىلتىماسىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن باشقا دۆلەتلەردە قالغان بالا-چاقىلىرىمنى گوللاندىيەگە ئېلىپ كىلەلەمدىم؟

ھەئە ئېلىپ كىلەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم توي خېتى بۇلشى كېرەك. ئەگەر توي خېتى بولمىسا سىزنىڭ ۋە باللىرىڭىزنبىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتلاس ئارقىلىق ئائىلىڭىزنى ئېلىپ كىلەلەيسىز. ئۇلارنىڭ گوللاندىيەگە كىلىش ئايرۇپىلان بېلىتىنىمۇ ئېلىپ بىرىدۇ.

تەۋسىيە ئۈچۈن:

گوللاندىيەدە تېخنىك كەسىپ ئىگىللىرىنىڭ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى كۆپ. مەيلى سىز قايسى تخنىكا كەسىپلىرىدە ئوقۇغان بۇلۇڭ، گوللاندىيە تىلىنى ياخشى ئۈگەنسىڭىزلا ئاسان خىزمەت تاپالايسىز. شۇڭا تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار ماشىنا، ۋېلسىپىت، تېلفۇن رېمىنىۇتچىلقى، سەتراچلىق، كىيىم تىكىش، سۇۋاقچىلىق، پىچىنە پىرەنىك پىشۇرۇش دىگەندەك كەسىپلەرنى ياخشى ئۈگەنسىڭىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئىش قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئوقۇپ بۇلۇپ تارقىتىپ قۇيۇڭ. يەنە سورايدىغان سۇئاللىرىڭىز بولسا داۋاملىق تۇلۇقلاپ قۇيمەن. بولسا باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارمۇ سىلەرمۇ ئۈزەڭلار تۇرغان دۆلەتلەردە سىياسى پانالىق تىلەش ھەققىدكى ئۇچۇرلارنى يېزىپ ئېلان قىلىڭ. باشقىلار پايدىلانسۇن.

يېزىلغان ۋاقتى: 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈن

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن ۋەزىيتى ۋە كەلگۈسىدە كەسكىن بايانات بەردى.بايدىن: تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز

چا يانۋار 17 , 2024
ئەركىن ئ‍ۇيغۇر، 17-يانۋار تەيۋەندە ختايغا قارشى پارتىيە نامزات لەي چىڭدى پىرەزدىنتلىققا سايلانغاندىن كىين، پۈتۈن دۇنيادا ختاينىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقى داۋام كۈچلۈك قىزىزىقىش قوزغىماقتا. تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان نامزات سايلامدا ئۇتقان كۈنى،ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا سۇئالىغا قىسقىلا قىلىپ: ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ-دىگەن. تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان نامزات سايلامدا ئۇتقان كۈنى،ئامېرىكا […]
ۋاڭ يى

You May Like