گوللاندىيەدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

 گوللاندىيەدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 29-ئىيۇن

ئارمان

25-ئىيۇن گوللاندىيەنىڭ زەيىست شەھىرىدە «گوللاندىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى بىرلىكتە قوغدايلى» تېمىسىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. 

پائالىيەتكە گوللاندىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتلەردىن بولۇپ جەمئىي 130 غا يېقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلاردىن دوكتور مەمتىمىن ئەلا(سىن ئارقىلىق قاتناشقان)، «ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» رەئىسى ئابدۇراخمان قارىم، «گوللاندىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» مەسئۇلى يۈسۈپجان ئەپەندى قاتارلىقلار لېكسىيە سۆزلەپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئانا تىل مائارىپىدا ئائىلە مائارىپىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەكىتلىدى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئالدىنقى قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلەندى.

مەكتەپ مەسئۇلى يۈسۈپجان ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىز نۆۋەتتە ياشاۋاتقان گوللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تۇرمۇش رىتىمى ئىنتايىن تېز، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي كونتروللۇقى ناھايىتى يۇقىرى. پەرزەنتلىرىمىز مەيلى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ شارائىتىدا بولسۇن، ياكى ھازىرقى زامان مېدىئا ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىرىدە بولسۇن ئاسانلا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مۇشۇ يەرلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيەسىنى تېزلا قوبۇل قىلىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا پەرزەنتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي روھى، ئۇيغۇر كىملىكىنى ھەتتا دىنىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بىز بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ مەكتىپىمىزنى تەسىس قىلدۇق. مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرىمىز ئاساسەن زال ئىچىدىكى دەرسلەر ۋە سىرتتىكى دالا پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، زال ئىچىدە ئاساسەن ئانا تىل دەرسى ئۆتۈلگەندىن سىرت، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەرجىمھاللىرى، ئىش-ئىزلىرى بالىلارغا چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلىنىدۇ. سىرتتىكى دالا پائالىيەتلىرىدە بولسا پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە كىيىندۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئويۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بىزنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزدىكى مەقسىتىمىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىك ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە يات مەدەنىيەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ ئۇلارغا تەسىر قىلىشىنى توسۇشتۇر.»

«گوللاندىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» 2020-يىلى 11-ئايدا گوللاندىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، تەسىس قىلىنغان دەرسلىكلەردىن: ئانا تىل ساۋاتى چىقىرىش، دەسلەپكى ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى، قۇرئان ساۋاتى چىقىرىش،قۇرئان يادلاش، دىنىي ساۋات، مىللىي ئۆرپ-ئادەت دەرسى قاتارلىقلار بار. نۆۋەتتە پۈتۈن گوللاندىيە تەۋەسىدىن كەلگەن يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىم ئالماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر كومپوزىتور پولات ھېزىموف «ئەڭ نادىر كومپوزىتور» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

پە ئىيۇن 30 , 2022
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر كومپوزىتور پولات ھېزىموف «ئەڭ نادىر كومپوزىتور» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

You May Like