گوللاندىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

29- يانۋار، گوللاندىيە پارلامىنتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئىچىپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق توختالدى. يىغىنغا گوللاندىيەدىكى ھاكىم پارتىيە ھۆرلۈك ۋە دىموكراتىيە پارتىيەسى ۋە باشقا پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

2020-1-29

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

29- يانۋار، گوللاندىيە پارلامىنتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئىچىپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق توختالدى. يىغىنغا گوللاندىيەدىكى ھاكىم پارتىيە ھۆرلۈك ۋە دىموكراتىيە پارتىيەسى ۋە باشقا پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئوڭچىل مىللەتچى خىرت ۋىلدىرس ۋەكىللىكىدىكى ھۆرلۈك پارتىيەسىدىن باشقا پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، ئۇيغۇرلارغا يار- يۆلەكتە بولۇش توغرىسىدا 9 تۈرلۈك تەكلىپ- لاھىيە سۇنۇلدى. تۈرك مۇسۇلمانلار ۋەكىللىكىدىكى تەپەككۇر پارتىيەسى ۋەكىلى تۇناخان كۇزۇ كۆپ كۈچ چىقاردى. گوللاندىيەدىن بىر قىسىم جامائەت بىرىپ يىغىننى نەق مەيداندىن ئاڭلىدى. بۇ 9 تۈرلۈك تەكلىپ- لاھىيە يەنە يىقىن كەلگۈسىدە ئاۋازغا قويۇلۇپ، رەسمىيلەشسە قانۇن بولۇپ يۈرگۈزۈلگۈسى. 

 

يىغىندا يەنە، گوللاندىيەدىكى داڭلىق تىلىفۇن ئالاقە شىركىتى KPN خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جىددىي تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلدى.

 

مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر: 
https://debatdirect.tweedekamer.nl/…/politieke-heropv…/video

 

https://nos.nl/l/2320767

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر — 12 توملۇق«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نەشىر قىلىنىدۇ

جۈ يانۋار 31 , 2020
ئۇيغۇر تارىخىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدىن تاكى ھازىرقى دەۋرىگىچە بولغان سياسىي، مەدەنىي، دىنىي،ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئىلمىي، تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىدىغان «ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» ناملىق 12 توملۇق مۇپەسسەل ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

You May Like