گىرمانىيەلىك تۈرك پۇتبولچى مەسئۇل ئۆزىل-دۇنيانى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن مەسئۇت ئۆزىل تۈرك نەسسللىك گىرمان پۇتبولچىسى بولۇپ،ھازىر ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئارسنال كوماندسنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ،ئۇ شۇ يەر ۋاقتى جۇمە سەھەردە ئۆزىنىڭ تېۋىتتىر (24 مىلىيون ئەگەشكۇچىسى بار )،ئىنستىگرام (21مىلىيون ئەگەشكۇچىسى بار) .30 مىلىيون ئەگەشكۇچىسى بار فايىس بۇك ھساۋاتلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ،شەرقى تۇركستاندىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتقان ۋە دۇنيانى ھەرىكەتكە چاقىرغان.تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ سۆزى:

تۆۋەندىكىلەرنى يازدى :

ئەي شەرقى تۈركىستان ! ئۈممەتنىڭ جاراھەتلەنگەن يارىسى ! ئەزىيەتلەرگە بەرداشلىق بىرىۋاتقان مۇجاھىد ۋە مۇجاھىدەلەر توپلۇمى !  ئىسلامدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىشلارغا يەككە يىگانە قارشىلىق بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان شەرەپلىك مۆمىنلەر !  قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلىۋاتىدۇ .. مەسجىدلەر چېقىلىۋاتىدۇ . مەدرىسلەر چەكلىنىۋاتىدۇ . دىن ئالىملىرى بىر- بىرلەپ ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ . ئەرلەر زورلۇق بىلەن جازا لاگېرلىرىغا سولىنىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئورنىغا مۇسۇلمان ئائىلىلەرگە خىتاي ئەرلىرى ئورۇنلاشتۇرىلىۋاتىدۇ .  … شۇنچىۋالا زۇلۇمنىڭ قارشىسىدا ئىسلام ئۈممىتىدىن ھېچبىر سادا يوق . مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقمايۋاتىدۇ .ئۇلار زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ ئەجەبا ؟!

ھەزىرتى ئەلى  نىمىدىگەن چىرايلىق سۆزلىگەن ھە ؟!  : زۇلۇمنى توسىيالمىسىڭىز ئۇنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈڭ ! 

غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەپتىلەردىن بۇيان ئايلاردىن بۇيان بولىۋاتقان زۇلۇمغا دىققىتىنى بىرىپ خەۋەر بىرىۋاتقان يەردە ، ئىسلام دۇنياسى ۋە ئاخبارات ۋاستىىلرى نەدە قالدى ؟ 

ئۇلار ئەجەبا زۇلۇم بولىۋاتقان يەردە بىتەرەپ تۇرىۋېلىشنىڭ ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟ 

ئۇلار بىر قانچە يىللاردىن كېيىن ئۇيەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرىسىدە بۇ زۇلمەتلىك كۈنلەرگە دائىر خىتاينىڭ قىيىن – قىستاقلىرى ئەمەس ،بەلكى پەقەت قېرىنداشلىرىنىڭ قىلغان سۈكۈتى ئاچچىق ئەسلىمە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ ئەجەبا ؟!

ئى رەببىم ! شەرقى تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلغىن !!! 

شۈبھىسىزكى ، ئاللاھ ھىيلە مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر .

– [ ]

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئورۇنلاشتۇرغان « ئۇيغۇرلاردا ھىسداشلىق كىچىلىكى» پارىژدا زەپەر دەرۋازىسىنى ئاچتى

دۈ دېكابىر 16 , 2019
15- دىكابىر كەچقۇرۇن، فىرانسىيە پارىژ شەھرىدە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بىلەن فىرانسىيەدىكى ئاممىۋى مەيدان پارتىيەسى قۇرغۇچىسى غافائىل گىلۈكىسمەن بىر ئايدىن بىرى تەييارلىق كۆرۈپ، بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق كىچىسى» ئۆتكۈزۈلگەن. بىز بۇھەقتە كىچىلىكنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن دىلنۇرنى زىيارەت قىلدۇق.

You May Like