غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26- يىلى

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26- يىلى

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26- يىلى 
 
غۇلجا قوزغىلىڭى كەمىنە بىۋاسىتە بىر پارچىسى بولغان ۋە بۇ سەۋەب بىلەن 1996- يىلى تۇتقۇن قىلىنغان بىر ۋەقەدۇر. بۇ سەۋەبتىن غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ مېنىڭدىكى تەسىرى، ئۇنىڭ ھاياجىنى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئالاھىدىدۇر! 

ھەبىبۇللا ئىزچى 

بۇندىن 26 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن » 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى «، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس زور سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ كۈنى  ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، باراۋەرلىك تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش قىلغان شەرقى تۈركىستاننىڭ مىڭلىغان ئوغۇل قىزلىرى خىتاي ئارمىيە-ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق قىرغىن قىلىنغان، مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرى نۆلدىن تۆۋەن 20 گرادۇس سوغۇقتا يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن باستۇرۇلۇپ، قەھرىتان قىشتا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۈن. 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىللاردىن بۇيان  شەرقى تۈركىستان خەلقى ھەر يىلى بۇ كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتىپ ۋەتەن ئىچىدە  ئۈن-تىنسىز ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىسە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى » 5 – فېۋرال » كۈنىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈنلەرنىڭ بىرى دەپ قاراپ، بۇ كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش، ئاخبارات – باياناتلار ئېلان قىلىش ۋە باشقا ھەر شەكىلدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان رەسمىي خەۋەرلىرى ۋە  ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاپ ئېلان قىلغان پۈتۈن بايانات، دوكلاتلىرىدا نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ 21 ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى، ھەتتا ئورۇپ- چاققانلىقى، يەتتە خىتاي ئۆلگەنلىكىنى يازماقتا، ئەمما بۇ دوكلات ۋە ئاخباراتلاردا نەقمەيداندا ئەسكەرلەر ۋە بىڭتۇەن ئارمىيەسى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، قەھرىتان قىشتا سۇ چېچىش ئارقىلىق ئېچىنىشلىق ھالدا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ، ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە  ھازىرغىچە مۇشۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقان يەنە مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرى ئەسلا تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.  ھەتتا خىتاينىڭ تېلىۋىزىيەلىرىدىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، ئاتالمىش » شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى » دەپ ئاتالغان » 5 – فېۋرال » ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قولىدىكىسى بومبا ياكى مىلتىق – زەمبىرەك ئەمەس، بەلكى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى توۋلانغان جاراڭلىق شوئارلار يېزىلغان پلاكات ۋە بۇ شوئارلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن لوزۇنكىلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. شىنخۇا تورىدا تىلغا ئېلىنغان  پاچاقلانغان 21 ئاپتوموبىل ۋە ئۆلگەن 7 نەپەر خىتايمۇ، نامايىش مەيدانى، ۋە غۇلجا كوچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان، مىڭلىغان ئۇيغۇر سوغۇق سۇ ۋە مۇزخانىلاردا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن  ئىستىخىيىلىك ھالدا شەكىللەنگەن غەزەپ ۋە قارشىلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭغا تامامەن خىتاي ساقچى-ئەسكەرلىرىنىڭ تىنچ شەكىلدە نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇشى ۋە قۇتراتقۇلۇقى سەۋەبچى بولغان ئىدى.  

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ  ۋەقەگە بەرگەن باھاسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن داۋاملىق  ئۆزگەرتىپ ھەر خىل قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ كەلمەكتە. مەسىلەن: خىتاي ھاكىمىيىتى ئەينى يىللىرى تامامەن سىياسىي ۋە ئاممىۋى تۈسنى ئالغان  بۇ ھەرىكەتنى، ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش تۈسىنى ئالغان ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلوسى قىلىپ كۆرسىتىپ، چوڭىنى كىچىكلىتىش، كىچىنى يوق قىلىپ  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ساداسىنى ئۆچۈرۈشكە  تىرىشقان بولسا، ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن » 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى » دىن كېيىن، يۇقىرىقى تەلەپپۇزىنى بىراقلا  ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قانداقتۇر مۇرەككەپ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە قىلىپ تەسۋىرلەپ، بۇ ھەرىكەتنى » خەلقئارا تېررورچىلىق » نىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى . 

ئەمەلىيەتتە غۇلجا نامايىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.  بۇ ھەقتە خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان » شىنخۇا ئاخبارات تورى » تەرىپىدىن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە شۇنداق يازىدۇ: « «شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ نىقابىنى ئېچىپ تاشلايلى » سەرلەۋھىلىك باش ماقالىسىدە تۆۋەندىكى ئىبارىلەر يەر ئالغان ئىدى: » توپىلاڭچى ئۇنسۇرلار خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرايلى! ، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! تۇتۇپ كېتىلگەنلەر قويۇپ بېرىلسۇن ! » دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ، ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى … قاتارلىقلارنى بىر – بىرلەپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى » دېيىلگەن.  بۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوبۇل قىلماي مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ھۆرىيەتكە ئىنتىلىگەنلىكى، شۇنداقلا ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئىشغالچىلىق سىياسىتىگە قارشى ئەسلا تىز پۈكمىگەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىدى. 

ۋەقەنىڭ ئەسلىگە قارايدىغان بولساق، غۇلجا شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان، قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان، بۇندىن 79 يىل بۇرۇن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ مەركىزى بولغان، ئادەملىرى روھلۇق،خۇشچاقچاق ،مېھماندوست  ۋە تولىمۇ پاكىز بىر  شەھەر بولۇپ، غۇلجا شەرقى تۈركىستان خەلقىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھەۋەس قىلىدىغان، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل تاپقان، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، شىبە،موڭغۇل ۋە تۇڭگان ۋە باشقىلار بىللە ياشايدىغان، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيە ئارقىلىق دۇنياغا ئېچىلىدىغان ئىشىكى،  تاغلىرى ياپيېشىل، سۈيى ئەلۋەك، ياۋروپادىكى شىۋىتسارىيەگە ئوخشايدىغان جەننەت ماكان.  بۇ يەردە 1990 لاردا كېيىن كەلگەن كۆچمەن خىتايلارنىڭ كەلتۈرگەن خىرىسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېچىلغان بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ خەلقىنى پىلانلىق ھالدا بىڭتۇەننىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئاستىدا يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ۋە بىڭتۇەن ئىستىخبارات ئىدارىسى (بۇ ھەقتە 2006-2016 –يىلىغىچە بىڭتۇەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا، بىڭتۇەن 9- دېۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى ۋە بىڭتۇەن سىلىڭبۇسىنىڭ باش كاتىپى پ ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا ياشلىرىنى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىتىش ۋە 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىدا ،بۇ ۋەقەلەرنى ۋاڭلېچۈەن ۋە بىڭتۈەن قوماندانلىق شتابىنىڭ بىرلىشىپ پىلانلىق قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى، غۇلجىدىكى باستۇرۇشقا بىڭتۇەن 9-10-2- دېۋىزىيەسىنىڭ قوراللىق خادېملىرىمۇ قاتناشقانلىقىنى، بىڭتۇەن سىلىڭبۇسىنىڭ بۇيرۇقىدا بىرمۇ كىشىگە رەھىم قىلماسلىق ، قارشىلىق قىلغان، قېچىشقا ئۇرۇنغاننى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش ئەمرى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. تۇتۇلغانلارنىڭ مۇھىم كىشىلەرنى بىڭتۇەن قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى  بايان قىلغان ئىدى. )  ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  شەرقى تۈركىستان ياشلىرىنى زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق يوق قىلىش قارا نىيىتى غۇلجا خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن بولۇپ خىتاينىڭ بۇ قارا نىيىتى خەلق ئاممىسى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايدۇ. 

شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق زىيالىيلىرى ۋە غۇلجا ياشلىرى بۇ سىياسەتكە قارشى غۇلجا مەشرىپىنى تەشكىللەپ، ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە مەشرەپ ئىبارەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ياشلارنى قوغداش قېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل سۇيىقەستىنىڭ بەربات بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم ياشلارنى ۋە مەشرەپنىڭ سەركىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ.  بۇ سەۋەب بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقىدۇ ۋە 5- فېۋرال ۋەقەسىنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىلىدۇ. 

1997-يىلى 5- فېۋرال كۈنى ئەتىگەندە ياشلار ۋە شەھەردىكى بىر قىسىم تىجارەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئامما قولىغا ئادالەت تەلەپ قىلىپ كۆتۈرگەن پىلاكاتلار ۋە لوزۇنكىلار بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق مەمۇرى مەھكىمە تەرەپكە يۈرۈش قىلىدۇ. قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كەسكىن تەدبىر قوللىنىش ، ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇيۇپ بېرىش سادالىرى ئىچىدە تىنچ نامايىش قىلىۋاتقان خەلق بارا- بارا كۆپىيىشكە باشلايدۇ  شۇ ۋاقىتتىكى شاھىتلارنىڭ بايانىدا نامايىشچىلار قوشۇنى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ كۈنى روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئىدى.  ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك –پوك دېگەندەك  بۇ مەنزىرىدىن قورقۇشقا باشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچى قوشۇننى قەھرىتان قىشتا يوقۇرى بېسىملىق سۇ ناسوسلىرىدا سوغۇق سۇ بىلەن باستۇرۇشقا باشلايدۇ، ۋە قوغلاپ يۈرۈپ قىرغىن قىلىدۇ. ۋە تۇتۇلغانلارنى مۇزخانىلارغا سولاپ توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ھەربىيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن مەھەللە  كوچىغا تاشلاپ قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈكى ئارقىلىق خەلققە تەھدىت سېلىشلىرى كۈنلەرچە داۋام قىلىدۇ. بۇ غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەسلى يۈزى ئىدى. 

بۇ كۈنى ئەسلىدىنلا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىق كۈنلىرىنى كۆرگەن ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىت بولغان غۇلجا خەلقى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە زۇلۇمغا تىز پۈكمەس قەيسەر  روھى ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تالان – تاراجلىرى، چېكىدىن ئاشقان سىياسىي بېسىمى ۋە باربارلارچە زۇلۇمى ئاستىدا خورلىنىپ ياشاشقا مەھكۇم بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دات – پەريادىنى ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتىدۇ.

بۇ كۈنى غۇلجا خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە ئۇيغۇر تارىخىغا قان بىلەن يېزىلغان بۇ ھادىسە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدە،  كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ، بۇ ھەقتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەتتا بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلات ۋە ئاخباراتلاردا، غۇلجا قىرغىنچىلىقى جەريانىدا يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، مىڭلارچە بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يەنە تۇتقۇن قىلىنغان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقى ۋە كۆپلىگەن ياشلارنىڭ تۈرمىلەردە ۋەھشىيلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ ، » 5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى » ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان تىنچلىق شەكلىدىكى دېموكراتىك مىللىي ھەرىكىتى ئىكەنلىكى خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىنمەكتە.غ

پايدىلانغان مەنبەلەر : پەرھات مۇھەممىدىنىڭ 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئوبزورى 
 ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
گۈلشەن ئابدۇقادېرنىڭ 5-فېۋرال ئارخىپلىرى 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكىدا يېڭى يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ھەپتىسىدە 39 قېتىم چوڭ قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى، بىگۇناھ ئۆلگەنلەر ئاشماقتا

سە يانۋار 24 , 2023
ئامېرىكىدا يېڭى يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ھەپتىسىدە 39 قېتىم چوڭ قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى، بىگۇناھ ئۆلگەنلەر ئاشماقتا

You May Like