ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 13- ئىيۇن
6-ئاينىڭ 13- كۈنى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىلىشى رەسمىي تۈردە ئاياغلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان 7 دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە قول قويغان بىرلەشمە باياناتنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە بايانات جەمئىي 70 تۈر، 14مىڭ خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- يەتتە دۆلەت ئورتاق دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خىتاينى ئىنسان ھەقلىرىنى شۇنداقلا ئاساسىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ، بولۇپمۇ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان ت) دىكى ۋە خوڭكوڭدىكى ئىنسانىيەت دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ.
- يەتتە دۆلەت ئورتاق ھالدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ ۋىرۇس مەنبەسىنى قايتا تەكشۈرۈشكە چاقىرىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېزدىن ئىجازەت بېرىپ ئىككىنچى قەدەمدىكى تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
- يەتتە دۆلەت بىرلىكتە شەرقى ۋە جەنۇبى خىتاي دېڭىزىنىڭ رايون بىخەتەرلىكىدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىدۇ. تەيۋەن بوغۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق تاق يۆلۈنۈشلۈك ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
- دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرى ھالقىسىدىكى ھەرخىل مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرى ئورتاق ھالدا يەتتە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ. بولۇپمۇ دۆلەت تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن ئاجىز ۋە ئاز ساندىكى كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. (بۇ يەردە گەرچە ئېنىق تۈردە خىتاي رېجىمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ روشەن ھالدا ۋەتىنىمىزدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىغا قارىتىلغان) بىرلەشمە باياناتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتايغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىدىن باشقا يەنە بىر قانچە نۇقتىلارمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. مەسىلەن: يەتتە دۆلەت بىرلىكتە نەچچە يۈز مىلياردلىق مەبلەغ ئاجرىتىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. خىتايغا نىسبەتەن يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل (Angela Merkel ) خانىممۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: » پۈتكۈل ئافرىقا زور كۆلەمدىكى ئاساسى غول ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان پەيتتە، بىز خىتاينىڭ بارلىق قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئېلىپ كېتىشىگە قاراپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك». ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگى (Mario Draghi) خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان ئىختىلاپلىرىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ- قائىدە پرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلمايدىغان دىكتاتور بىر ھاكىمىيەتتۇر، دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان قىممەت- قاراشقا ئىگە. بىز ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بىر پەيتتە سەمىمىي ھالدا ئارىمىزدىكى پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىشىمىز، بىز توغرا ئەمەس دەپ قارىغان نۇقتىلارنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. خۇددى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن دەپ ئۆتكەندەك: سۈكۈتنىڭ ئۆزى جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقتۇر». فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئەل ماكغوڭ (Emmanuel Macron) يىغىن ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: » گەرچە بىز خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاق قىممەت قاراشقا ئىگە بولمىساقمۇ ئەمما ئۇلارنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىۋېلىشنى خالىمايمىز. خىتاي بىزنىڭ ئىقتىسادىي رىقابەتچىمىز، بىز ئۇلارنىڭ خەلقئارا سودا پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز». خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بۈگۈن ئۆزىنىڭ تور بېتىدە يازما بايانات بېرىپ قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: » دۆلەتلەر چوڭ- كىچىك، باي- نامرات، كۈچلۈك ئاجىز دەپ ئايرىلماسلىقى كېرەك، دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت باراۋەردۇر. بىر قىسىم ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قائىدە پرىنسىپلارنى چىقىرىپ دۇنيانى باشقۇرىدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى، دۇنيادا پەقەت بىرلا سېسىتما مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدۇر، بىرلا قائىدە پرىنسىپقا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قائىدە پرىنسىپلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن خەلقئارا تۈزۈمدۇر.