فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى»دە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 25-ئۆكتەبىر

فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات «دۇنيا گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى « تېررورلۇق كەيپىياتى سۇسلاشتى، ئەمما باستۇرۇش ۋە قورقۇنچ يەنىلا مەۋجۇت» تېمىسىدىكى چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان..

مەزكۇر ماقالىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرى فخېدېغىك لۆمەتخ Frédéric Lemaître ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: « مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ غەربىي شىمالى رايونىدا مىليوندىن ئاشقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەجبۇرىي ھالدا «تەربىيەلەش» مەركەزلىرىگە قامالغان. نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى بەزى كونتروللۇقنى بوشاتقاندەك تۇرىدۇ، لېكىن ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش ياكى ھەرىكەتلەر يەنىلا پۈتۈنلەي چەكلەنگەن….»

مۇخبىر مەلۇم بىر جۈمە كۈنى ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا نەچچە يۈزلىگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆچىرەت بىلەن جامەگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداقتۇر ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قولىغا بايراق كۆتۈرۈۋالغان يېتەكچى بىلەن بىرلىكتە جامەنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « بىر قانچە ئايدىن بۇيان ھېيتگاھ جامەسى ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇندىن ئۆزگەرتىلىپ، پۈتۈنلەي ساياھەت نۇقتىسىدا ئايلانغان. جامەنىڭ زاللىرى قۇپقۇرۇق…بىز جامە مەسئۇللىرىدىن بۈگۈن بۇ يەردە ناماز ئوقۇلمامدۇ دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇلار تەمتىرەپ جاۋاب بېرەلمىدى، ئەمما مۇسۇلمانلار تېخى يوقىلىپ كەتمىگەنىدى، جامەنىڭ ئالدىدىكى پاكار بىر تامنىڭ تۈۋىدە يىگىرمە ئەتراپىدا ياشانغان ئەر ۋە ئاياللار خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى قادالغان ھېيتگاھ جامەسىگە قاراپ ئولتۇرۇشقانىدى…ئۇلار بۇ مۇقەددەس جامەگە ئاياغ بېسىشتىن قورقاتتى… ».

مۇخبىر قەشقەرنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ: « مانا بۇ قەشقەرنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى، قارىماققا ھەممە نەرسە نورمالدەك. سودىگەرلەر سودىسىنى قىلماقتا، ياشانغانلار دوقمۇشلاردا ئولتۇرۇپ مۇڭداشماقتا، بالىلار بولسا مەكتەپتىن چىقىپ بوينىغا قىزىل گالاستۈكلەرنى تاقاپ ئۆيلىرىگە قايتىشماقتا…قەشقەر كونا شەھەر رايونى ھەقىقەتەنمۇ غايەت زور باغچىغا ئايلانغانىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا ياشانغانلارنىڭ كۆزلىرىدىن قايغۇلۇق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ چاچلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك قىسقا ھالەتتە كېسىلگەن. ئەگەر يەرلىكلەر بىزدەك چەتئەللىكلەرگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قالسا دەرھال بىرى چىقىپ ئۇلارنىڭ بىز بىلەن گەپ قىلىشىنى توسۇيدۇ. بەزىدە بىر كىملەر بىزگە قاراپ قول ئىشالىرى قىلىشىدۇ، ئۇلار خۇددى بىزگە : «سىز بىلىسىز، شۇنداقمۇ؟» دەۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى…»

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ 2019-يىلى ئېلان قىلغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»نى پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى توغرىسىدىكى سەپسەتىلىرىگە قارشى قەشقەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار چەكلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ئۈستى ئوچۇق چوڭ تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. مۇخبىر قەشقەر ۋە خوتەننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئىلگىرىكىدەك بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئەگىشىۋالمانغانلىقىنى، ئەمما بارلىق كوچىلارنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ھەممە كوچىلاردا چارلايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى تۆت كوچا دوقمۇشلىرىدا بروۋنىك ماشىنىلىرىنىڭ بارلىقىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە يەنە قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگىنىدىن باشقا بارلىق مەسچىتلەرنىڭ تاقاق ئىكەنلىكى، كوچىلاردا بەزى ياشانغانلاردىن سىرت باشقا ھېچقانداق كىشىنىڭ ساقال قويغانلىقىنى كۆرمىگەنلىكى، ھەتتا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان بۇ رايوندا ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتمىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ: « ۋىرۇس مەزگىلى ئاياغلاشقاندىن كېيىن گەرچە خىتاي پۇقرالىرى پاسپورت ئېلىپ چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تېخىچە پاسپورت ئالالمىغان، بۇ يەردە گەرچە «تېررورلۇق» كەيپىيات سۇسلاشقان بولسىمۇ ئەمما قورقۇنچ ۋە باستۇرۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا ئىدى.»

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: «ئەتىرگۈللەر»

پە ئۆكتەبىر 26 , 2023
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ‎مەن «ئەتىرگۈللەر» ناملىق بۇ شېئىرنى ئۇچ يىل بۇرۇن 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاپ يازغان ئىدىم. بۇ شېئىر 2023-يىلى 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىلىق پۇقرالارنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپتۇ. بۇنى بىلىپ ھاياجاندىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم ….. دۇنيادا بىز كۈتمەيدىغان ئاجايىب ئىشلار […]
گاللاگىر

You May Like