فىلىپپىن خەلقى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

20-نويابىر سەيشەنبە، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن فىلىپپىنغا يىتىپ بارغان شى جىنپىڭ يەرلىك خەلىقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خىتايچە سەھىپسىدە 20-نويابىر تارقالغان بىر خەۋەردە شى جىنپىڭنىڭ فىلىپپىن زىيارىتى توغرىسىدا قىسقىغىنە خەۋەر بىرىلدى. خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:

ئاپتۇر: ئىقبال

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-21

     

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار،باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

20-نويابىر سەيشەنبە، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن فىلىپپىنغا يىتىپ بارغان شى جىنپىڭ يەرلىك خەلىقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خىتايچە سەھىپسىدە 20-نويابىر تارقالغان بىر خەۋەردە شى جىنپىڭنىڭ فىلىپپىن زىيارىتى توغرىسىدا قىسقىغىنە خەۋەر بىرىلدى. خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن فىلىپىنغا يىتىپ كەلگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يەرلىك خەلىقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى قوزغىدى. يۈزلەرچە خەلىق قوللىرىغا ھەرخىل شۇئارلار يىزىلغان لوزۇنكلارنى كۆتۈرۈپ شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلدى. بەزى نامايىشچىلار:« فىلىپپىننى ساتمايمىز، مال باھاسى ۋە سودا كىلىشىمى سەۋەپىلىك دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇز قىلىنىشغا يول قويمايمىز» – دىگەندەك شۇئارلارنى توۋلاشتى. نامايىش ھەققىدە بىرىلگە قىسقا سىندا كۆرسىتىلىشچە ، نامايىشنى بىرقانچە مىديا قۇرۇلۇشلىرى رەسىمگە ئالغان. نەخ مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋەتەنپەرلىك جەمىيىتى باش كاتىپى لېيناتۇ لېيېسى: «فىلىپىننى ساتمايمىز، فىلىپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساتمايمىز، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى، خەلقىمىزگە پايدىسىز مال باھاسى ۋە سودا كىلىشىمنامىلىرىگە تىگىشمەيمىز. بىز دۆلىتىمىزنىڭ خەييا دىڭىز سوتىدا قولغا كەلتۈرگەن قانۇنى جەھەتتىكى غەلبىمىزنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز قانۇنى جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگەن غەلبىمىزنى بۇ سودا كىلىشىمى ۋە دۇتېر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن ئىلىپ بىرىۋاتقان قۇرلۇش پىلانلىرى تۈپەيلى بىر ياققا قايرىپ قويالمايمىز.» دىگەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

   

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرىنىڭ تىۋىتتىرىغا ئۇيغۇرلار توغرىلىق تەنقىدى ئىنكاسلار يېزىلدى

چا نويابىر 21 , 2018
خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد گۈل 17-نويابىرئۆزىنىڭ تىۋىتتىر ھىسابىدا شاڭخەي مۇفتىسى مۇسا بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى ھەمبەھىرلىدى. رەسىمگە: «شاڭخەي مۇفتىسى مۇسا جىن ۋە باشقا قىرىنداشلىرىمىزنى زىيارەت قىلدۇق ۋە نەچچە مىڭ كىلۇمىتىر ئۇزاقلىقتىكى شىياۋتاۋيۈن(小桃园) مەسچىتىدە جۈمە نامىزىمىزنى بىرلىكتە ئوقۇدۇق. ئۇلارغا تۈرك خەلقىنىڭ سالاملىرىنى يەتكۈزدۇق »دىگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگىرلىرىدا ئەرزىيەت چىكىۋاتقانلىقى خەلىقئارا تاراتقۇلاردا بەس مۇنازىرە قوزغاۋاتقان ھالقىلىق پەيىتتە، ئابدۇلھەمىد گۈلنىڭ شاڭخەي مۇفتىسى بىلەن رەسى

You May Like