كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ خىتاي ۋەكىلى FBI ئۆيىنى ئاختۇرغاندىن كېيىن ئۆلگەن

ئامېرىكا ساقچى تەرەپ ۋە فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋېبستېر ئۇنىۋېرسىتېتى (Webster University) كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر نەپەر خىتاي تەرەپ ۋەكىلىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغاندىن كېيىن ئۆلگەن بولۇپ، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.

ب ب س، 2020-10-12
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-12

 

ئامېرىكا ساقچى تەرەپ ۋە فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋېبستېر ئۇنىۋېرسىتېتى (Webster University) كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر نەپەر خىتاي تەرەپ ۋەكىلىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغاندىن كېيىن ئۆلگەن بولۇپ، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.

 

ۋېبستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىنقى ھەپتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايانات بېرىپ، بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ليۇ چياڭنىڭ 7- ئۆكتەبىر ئۆلگەنلىك خەۋرىنى ئامېرىكا ساقچى تەرەپتىن ئالغانلىقىنى دەلىللىدى.

 

ليۇ چياڭ 2019- يىلى يانۋاردا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇڭزى ئىنىستىتۇتىدا بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋەكىلى بولغان.

 

ئامېرىكا يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى تەرەپ 7- ئۆكتەبىر بالىلار شەھۋانىي بۇيۇملار دېلوسىغا تەكشۈرىۋاتقان بولۇپ، ليۇ چياڭنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرغان.

 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ساقچى تەرەپنىڭ ليۇ چياڭنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان.

 

ۋېبستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش بىلەن مەكتەپ ۋە كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق، ئەمما مەكتەپ تەرەپ ئۇنىۋېرسىتېتتا بۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئادەمنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرەيدىغانلىقىنى، ئېيتىپ ئۆتتى.

 

بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئادەم ئەۋەتىپ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تېزراق ئۇقتۇرۇشقا چاقىردى.

 

بۇ دېلو ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشكە باشلىغان ۋاقىتغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى مايىك پومپىئو بۇ يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىكى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 

خىتاي تەرەپنىڭ خەلق گېزىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ خەۋەرنى بەرگەندە، ئامېرىكا ساقچى تەرەپنىڭ نۆۋەتتە ئېلان قىلغان خەۋىرى «مۇجمەل»، خىتاي خەلقى «ليۇ چىياڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى» بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 

بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى دەلىللەنمىگەن خەۋەرلەرنى تارقاتماسلىققا چاقىرىق قىلدى، بىراق شىنلاڭ، مىكرو بلوگ قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتىنىڭ ئاستىغا بەزى خىتاي تور كۆرگۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ «سىياسى سۈيقەست» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازغان.

 

مەنبە: https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-54507265

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تەيۋەنگە قورال سېتىش لايىھىسى پارلامېنتقا سۇنۇلدى

سە ئۆكتەبىر 13 , 2020
بىلمەسجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 13- ئۆكتەبىر رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە (12- ئۆكتەبىر) كۈنى ئەھۋالدىن خەۋەردار 3 ئەرباب ئاقساراينىڭ تەيۋەنگە ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىش لايىھەسىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان. بۈگۈن بۇنىڭ ئىچىدىكى 3 خىل قورال سىستېمىسى توغرىسىدا پارلامېنتقا قورال سېتىش ئۇقتۇرىشى تاپشۇرغان بولۇپ، ھازىر پارلامېنتنىڭ تەستىقىنى ساقلاۋېتىپتۇ.

You May Like