ئەيدىز ۋاكسىنىسى تەتقىقاتىدا يېڭى نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى بىر قېتىم ئوكۇل سالدۇرسا مايمۇننىڭ 18 ھەپتىگىچە ئادەم خىمېرىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسىدىن (SHIV، ئادەملەرگە يۇقىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ) يۇقۇملانمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ نەتىجە ئادەمنى بىر نەچچە ئايغىچە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن ساقلاش داۋالاش ئۇسۇلىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.
ئەنگلىيە «تايمېس گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 17-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەرەز قىلىنىشىچە، 90 مىڭدىن كۆپرەك ئەنگلىيەلىك ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرۈۋېتىپتۇ. بۇ ۋىرۇس بىمارلارنى ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيەدە ھەر يىلى يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلۇۋاتقان ئەيدىز بىمارىنىڭ سانى تەخمىنەن 5000گە يېتىدۇ.
خەۋەر قىلىنىشىچە، گەرچە كىشىلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىن ئىلگىرى ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئىشلىتىشى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇش خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئۈنۈمى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدىغان ۋاكسىنا يوق ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋىرۇس ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچالايدىغان بولغاچقا بۇ خىل ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتمۇ-قات قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋېتىپتۇ. بىراق، ئامېرىكا روكفېللېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ئالىملار گۇرۇپپىسى بىر خىل خىمىيىۋى بىرىكمە ئارقىلىق ئىستىقبالى زور دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشكەن. بۇ خىل خىمىيىۋى بىرىكمە يۇقۇملانغان گانگى دەرياسى مايمۇنىنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان.
بۇ خىل كەڭ نېيتىراللاشتۇرۇلغان ئانتىتېلا ئېلىپ يۈرىدىغان خىمىيەلىك بۇيرۇق ئادەم تېنىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىگە ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئورىۋالغان «پەردە»نىڭ ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە ئورنىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ.
ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى بۇ كىچىك گۇرۇپپا بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك مايمۇننىڭ تېنىدىن كەڭ نېيتىراللاشتۇرۇلغان ئانتىتېلا ئالالايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلاردىن پايدىلانسا ساغلام مايمۇنلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئۈچ ئاي قارشى تۇرۇشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالىملار ھازىر ئانتىتېلانى تېخىمۇ ياخشىلاپ قوبۇل قىلغۇچى تەنچىدىكى قاندا مەۋجۇت بولۇش ۋاقتىنى ئەسلىدىكىنىڭ 4-2 ھەسسىسىگە يەتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تەبىئەت. مېدىتسىنا» ئايلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى دورىلارنى يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم ئىشلىتىشكە «ئاساس سالدى».