ئەرلەرنىڭ «ئىشنى تۈگىتىپلا ئۇخلىشى» ئەمەلىيەتتە بىر ئۇقۇشماسلىق

ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ «ئىشنى» تۈگىتىپلا كەينىنى قىلىپ ئۇخلىۋېلىپ، ئايالىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى قىلچىمۇ ئويلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاغرىنىشىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇنداقتا، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشتا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق «شەخسىيەتچى» بولۇپ قالىدۇ؟

ئەرلەرنىڭ «ئىشنى تۈگىتىپلا ئۇخلىشى» ئەمەلىيەتتە بىر ئۇقۇشماسلىق 

  ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ «ئىشنى» تۈگىتىپلا كەينىنى قىلىپ ئۇخلىۋېلىپ،  ئايالىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى قىلچىمۇ ئويلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاغرىنىشىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇنداقتا، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشتا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق «شەخسىيەتچى» بولۇپ قالىدۇ؟

  شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن، كەينىنى قىلىپ ئۇخلىۋېلىش ئايرىم بىر قىسىم ئەرلەردىلا مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى ئاساسەن ئومۇملاشقان بىر خىل ئەھۋال. جىنسىي تۇرمۇش ئەرلەرگە ھوزۇر ئاتا قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۇلار ئۈچۈن «نەچچە ئونمىڭ چاقىرىم مارافونچە يۈگۈرگەن»دەك ھارغىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا، ئادەم بەدىنىدىكى سىمپاتىك نېرۋىلار ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن بولىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرخىل ھورمۇنلار بولۇپمۇ جىنسىي ھورمۇن يۈكسەك ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، جىنسىي ئەزامۇ ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە قان تولۇش ھالىتىدە بولۇپ، جىنسىي ھاياجان باسقۇچىدىن جىنسىي ۋايىغا يېتىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكتىن، بەدەندىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلىي ئاپپاراتلارمۇ بۇ خىل ئالاھىدە بولغان فىزىئولوگىيىلىك جەريانغا قاتنىشىدۇ، مەسىلەن: يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، نەپەسلىنىش تېزلىشىپ، پۈتۈن بەدەندىكى تېرە، قان-تومۇرلار كېڭىيىپ، تەرلەشمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ جەرياندا بەدەندىكى ئېنىرگىيەنىڭ خورىشىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپ بولىدۇ، مەنىي سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىىشنى كونتىرول قىلىدىغان مېڭە يۇلۇننىڭمۇ سىپىرما چىقىرىپ بولغاندىن كېيىنكى قايتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ جىددىيلىكتىن بوشىشىشقا يۈزلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن، نورمالدا ھېرىپ-چارچاش ھېس قىلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەتئەللىك جىنسىيەت مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ تەتقىقات ماتېرىيالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، زەكەرنىڭ قايىم ھالىتىدە، قارا پىگمىنت يۇقىرىلايدۇ، قارا پىگمىنت بولسا مېڭىدىكى ھورموننى تەشكىل قىلىدىغان ماددا، نورمال ئەھۋالدا، بۇنىڭدىكى ھورمونننىڭ يۇقىرى پەللىسى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇخلىشىنى تەڭشەپ، كىشلەرنى ئۇيقۇسىرىغاندەك ھېسياتقا كەلتۈرۈپ، ئۇخلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما، جىنسىي مۇناسىۋەتتە، ئەسلىدە ئاخشىمى ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغان قارا پېگمىنتنىڭ پەيدا بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتىلا «ئۇخلىتىش دورىسى» ئىچىۋالغاندەكلا بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە بەدەندىكى ئىنىرگىيىىنىڭ خورىشى، ماغدۇرسىزلىنىشلار بىلەن قوشۇلۇپ، ئىشتىن كېيىنلا خورەككە چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇپ، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنى ئەرلەر كونترول قىلالايدىغان ئىش ئەمەس.

  بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى يەنە مۇنداق دەيدۇ: يۇقارقىدىن  باشقا، ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى بېسىمىنىڭ ئارتىپ كېتىشىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ بارغانسېرى تېزلىشىشى،ئۆي ئۈچۈن، كەسىپ ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن، ياخشى بىر ياشاش شارائىتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاۋاتقان ئەرلەرنىڭ زىممىسىدە بولغانلىقىدىندۇر. كۈندۈزى ھەرخىل ئالدىراشچىلىقلار، يەنە بەزى ئەرلەر خىزمەتتە «ئۆزىنى قۇربان قىلغان» ھالدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاللىبۇرۇن ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بولىدۇ. ئەرلەرمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە، غەمخورلۇققا مۇھتاج.

  ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي دەۋرىيلىكىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بار بولۇپ، ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن، جۆرىسىگە نىسبەتەن مۇۋاپىق سىيلاش ئېلىپ بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي شاد-خوراملىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. بىراق، ئەرلەرنىڭ قايناق ھېسسىياتى ئۈچۈن يەنىلا بەدەن ۋە روھىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشكە مۇھتاج، كېيىنكى قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇش ئۈچۈن يەنە ئېنىرگىيە توپلاش كېرەك، شۇڭلاشقا، ئاياللارنىڭ «مېھىرلىك قۇچىقى» ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىكى ئوت پىلتىسى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئېنىرگىيە تولۇقلىشىنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىق كېرەك.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

نۇر تورى:ساخاۋەت يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتتى

پە ئاپرېل 26 , 2018
مېھىرلىك كۆڭۈللەردىن چاقنىغان نۇر يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتتى

You May Like