ئەردوغاننىڭ «خىتاي مودېلى» يۈزلىنىشى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

ئەردوغاننىڭ «خىتاي مودېلى» يۈزلىنىشى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

 
 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى19-دېكابىر
 

يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «خىتاي مودېلى» ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ۋە خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسى توغرىسىدا تالاش- تارتىش كۆپەيمەكتە. مەزكۇر تالاش-تارتىش تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە يولىغا باشلاش تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۆكتىچى سىياسىي كۈچلەر ۋە ئىقتىسادچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.

تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي يول خەرىتىسىنى ئاڭلىتىش جەريانىدا ياردەمچىلىرىگە خىتاينى ئۆرنەك سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇپ، تۈركىيەنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن كۈچەيتىش، ئۆسۈم بېسىمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا ئوخشاش يول تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينى ئۆرنەك سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇشى ئىقتىسادچىلار ۋە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە. نوپۇزلۇق ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى «Bloomberg»تا ئېلان قىلىنغان بىر ئانالىز خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۆلچەملەر ئاساسىدا ھېسابلىنىدىغان دۇنيا يوقسۇللار تىزىملىكىدە بارغانسېرى يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى، ئەردوغاننىڭ ئېكسپورت مەركەزلىك ئىقتىساد تەشەببۇسىنىڭ ئەرزان ئىشچى كۈچىگە تايىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۋىتىدىغانلىقى ئېيتىلغان. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى فائىز ئۆزتىراك جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننى «تۈرك ئىقتىسادىنى خىتايچە قىيىن قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ مەزكۇر يول خەرىتىسى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇئاۋىن خىتاي باش كونسۇلى ۋاڭ فېي تۈركىيە گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«تۈركىيەنىڭ زېمىنى بۇنىڭغا مۇۋاپىق، تۈرك خەلقى ئىشچان، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي ئۇل مۇئەسسەسىلىرى ياخشى. سىلەرمۇ بۇنى قىلالايسىلەر، تۈركىيە مۇھىم جۇغراپىيىۋى سىياسەت ئورنىغا ئىگە. »

مۇتەخەسسىسلەر تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئېكسپورت مىقدارىنى كۆپەيتىش، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىش كويىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتايغا ئوخشاش ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە تايىنىدىغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلمايدىغان خىتايغا ئوخشاش سىياسىي تۈزۈلمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.
داۋا پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى ئالى باباجان خىتاي مودېلى ئىقتىسادى قۇرۇلمىنىڭ مەۋجۇت سىياسىي سىستېمىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى، خىتاي مودېلى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تاللاشنىڭ دېموكراتىيەدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«بۇ رەھبەرلىكتىن ئاق پارتىيەگە بىلەت تاشلىغان پۇقرالارنىڭ خەۋىرى بارمۇ؟ سايلامدا پەقەت 98 مىڭ كىشىدىن بىلەت ئالغان دوغۇ پىرىنچەكنىڭ تۈركىيەنى باشقۇرۇشىغا 84 مىليون تۈرك پۇقراسى رازىمۇ؟»

ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا ئوخشاش يول تۇتۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ياۋروپانىڭ ئىمپورت مەركىزى بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ  ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە تاشقى مەبلەغ بىلەن كۈچەيگەنلىكىنى، خىتاي ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ دىكتاتور بىر سىستېما بىلەن زىچ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى، تۈركىيە «خىتاي مودېلى»دىكى بۇ يولدا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور بىر سىياسىي سىستېمىنى تىكلىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئوخشاش دىكتاتورلىشىشىغا تۈركىيەدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە ۋە خىتايدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر ۋە ئەردوغاننىڭ مەزكۇر يۈزلىنىشىنىڭ خىتاي ۋە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىيىشى تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن كۈچەپ تەرىپلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە كەلگەن ئىقتىسادىي غەلىبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېساپلانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دونالد ترامپ: شى جىنپىڭ بىر قاتىل، ئەمما بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى قوللىمايمەن

دۈ دېكابىر 20 , 2021
دونالد ترامپ: شى جىنپىڭ بىر قاتىل، ئەمما بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى قوللىمايمەن

You May Like