ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

4-ئاينىڭ 24-كۈنى پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى clubworldranking ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق تىزىملىكتە بايرېن مىيۇنخېن داۋاملىق بىرىنچىلىككە تىزىلغان، بارسېلونا ئىككىنچىلىككە چىققان، خانلىق مادرىد ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. لىۋېرپول بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. جۇڭگو كۇلۇبلىرى جەھەتتە گۇاڭجۇ خېڭدا ئاسىيادە بەشىنچى ئورۇندا، شاڭخەي شاڭگاڭ 12-ئورۇندا تۇرغان.

4-ئاينىڭ 24-كۈنى پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى clubworldranking ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق تىزىملىكتە بايرېن مىيۇنخېن داۋاملىق بىرىنچىلىككە تىزىلغان، بارسېلونا ئىككىنچىلىككە چىققان، خانلىق مادرىد ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. لىۋېرپول بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. جۇڭگو كۇلۇبلىرى جەھەتتە گۇاڭجۇ خېڭدا ئاسىيادە بەشىنچى ئورۇندا، شاڭخەي شاڭگاڭ 12-ئورۇندا تۇرغان.   ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 10 كوماندا: بايرېن مىيۇنخېن، بارسېلونا، خانلىق مادرىد، يۇۋېنتۇس، لىۋېرپول، مانچېستېر شەھىرى، پارىژ سانت گېرمان،  توتتېنھام، ناپولى، مادرىد ئاتلېتكا؛   11دىن 20گىچە ئورۇنغا تىزىلغان كۇلۇبلار: رىم، مانچېستېر بىرلەشمىسى، دونېتسك كان ئىشچىلىرى، چلسى، ئېيېنخوۋېن، پورتو، لىئون، ئارسېنال، لازىئو، ۋالېنسىيە؛ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمىسى كۇلۇبلىرى جەھەتتە: گۇاڭجۇ خېڭدا ئاسىيادا بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، شاڭخەي شاڭگاڭ 12-ئورۇنغا تىزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شەندوڭ لۇنېڭ، بېيجىڭ گوئەن، جياڭسۇ سۇنىڭ، تيەنجىن چۇەنجيەن، گۇاڭجۇ فۇلى، خۇاشيا شىڭفۇ، شاڭخەي شېنخۇا قاتارلىق كۇلۇبلار ئاسىيادىكى 100 كۈچلۈك كوماندىنىڭ قاتارىغا كىرگەن.
خەتكۈچلەر: با

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ۋېنگېر: ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن

پە ئاپرېل 26 , 2018
رەھمەت ئېيتىمەن[/caption] 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت 20:30دا ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2108-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 35-ئايلانمىسىدا ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا 1:4 نەتىجە بىلەن غەربىي ھامنى مەغلۇپ قىلدى.

You May Like