دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنجى كۈنىدىكى پائالىيەتلەر باشلاندى

13- نويابېر كۈنى ئەتىگەندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنجى كۈنىدىكى پائالىيىت باشلاندى .

ھەبىبۇللا ئىزچى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
13- نويابېر كۈنى ئەتىگەندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنجى كۈنىدىكى پائالىيىت باشلاندى .
ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋېن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى بۈيۈك مىللەت مەجلىسى مىللەتۋەكىلى ، ياخشى پارتىيە تۈرك دۇنياسى باشلىقى ياۋۇز ئاغېرلىئوغلۇنىڭ تەبرىك تېلگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى .
ياۋۇز ئاغىرلى ئوغلۇ تەبرىك تېلېگراممىسدا بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ،شەرقى تۈركىستان مەسلىسى ئۇيغۇرلارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس ،بەلكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىڭنىڭمۇ نۇمۇس مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ،شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ،بېسىۋېنلغان بۇ زېمىننىڭ دەردىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ،ۋە ئۇننۇتۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ، بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە شەرقى تۈركىستانغا ھۆرىيەت ،ئۆزگۈرلۈككە ۋەسىلە بولىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى .
ئارقىدىن سۆزگە چىققان تۈرك ئادۋۇكات ئىلياس دوغان ئەپەندىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ،ئىقامەت مەسىلىسى ھەققىدە دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى تەكىتلەپ ئۆتتى .
ئىككىنجى باسقۇچتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچى پېشقەدەملىرىگە مۇكاپات بېرىلدى.

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ بەزى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا توردىن قاتناشتى .

شە نويابىر 13 , 2021
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا ئاچقان 7 -نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا كېلەلمىگەن ياكى ۋېزىسى چىقمىغان تۈركىيە، قازاقىستان ، قىرغىزىستان،ئاۋۇستراليا ، ئامېركا،كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى ۋە كاندىدات ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن تور ئارقىلىق قاتناشتى .

You May Like