دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئالماشتۇرغان بىمار ئۆلۈپ كەتكەن

دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئالماشتۇرغان بىمار ئۆلۈپ كەتكەن

دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئالماشتۇرغان بىمار ئۆلۈپ كەتكەن
دوختۇر مەمەت ئىمىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى10-مارت
2022 – يىلى 1 – ئايدا، ئامېرىكىدا دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئادەمگە ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، ئىككى ئايدىن كىيىن ئۇ بىمار ئۆلۈپ كەتكەن. گەرچە بىمار ئوپېراتسىيەدىن كىيىن پەقەت ئىككى ئاي ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تېبابەت تارىخىدىكى بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.
1967 – يىلى دۇنيادا تۇنجى يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، گەرچە بىمار ئوپېراتسىيەدىن كىيىن پەقەت 18 كۈن ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەينى ۋاقىتتا دەۋر بۆلگۈچ مۆجىزە ھېسابلانغان. ئۇنىڭدىن 55 يىل كىيىن، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھايۋان يۈرىكىنى ئادەمگە ئالماشتۇرۇپ، تېبابەت تارىخىدا يەنە بىر قېتىم مۆجىزە يارىتىلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئالىملار چاشقاننىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان

جۈ مارت 11 , 2022
ئالىملار چاشقاننىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان

You May Like