دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
ھەبىبۇللا ئىزچى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-ئۆكتەبىر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيىتىنىڭ ياپونىيە ئاخبارات قاناللىرىدا ۋە گېزىتلەردە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
بۇ ھەقتە ياپونىيەدىكى ئاساخى تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق يېزىلغان : « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 30-چېسلا توكيونىڭ چىيودا ۋاردتىكى ياپونىيە چەتئەل مۇخبىرلار كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ يىغىندا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى ».
ئاساخى تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ : «ئۈچ مىليوندىن جىق ئادەم تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئازابلىنىۋاتىدۇ ، بىر مىليون بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلدى، ياپونىيەدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 2-ئايدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللاندى. بىز بۇ قېتىم ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز» دېگەن سۆزلىرى بېسىلغان.