دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «ب د ت» دىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى

ھەبىبۇللا ئىزچى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم 30 – سېنتەبىر  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ۋە يىغىندا نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ، مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ھالدا ئوزۇق-تۈلۈكسىز ۋە ياردەمسىز قويۇۋاتقانلىقىنى، ئوزۇق يېتىشمەسلىك، داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەسلىك، خاتا دېزىنفېكسىيە قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان .

3 – سېنتەبىر كۈنى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىغا پاراللېل ھالدا جەنۋەدە چاقىرىلغان « ئاسىيادا خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مىللەتلەر ۋە ئاياللار مەسىلىسى » دېگەن تېمىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ  سۆز قىلغان. ئۇ يىغىندا : ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىۋاسىتە قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش، پەرزەنتلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۈرمىلەرگە، جازا لاگېرلىرىغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىغا سولاش ياكى غايىب قىلىۋېتىش  قاتارلىق ۋەھشىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل جىنايى قىلمىشىنىڭ ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارا ئەھدىنامىسىنىڭ ماددىلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ۋە بۇنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر شەكلى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي تۇغماس قىلدۇرۇشتەك ۋەھشىي قىلمىشلىرىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

سە ئۆكتەبىر 4 , 2022
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

You May Like