دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيەدە خۇاۋېي، خىكۋىژىن، داخۇئانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىكلىك جنايتى توغرىسىدا قانۇنىي شىكايەت سۇندى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-ئاپرىل

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) پارىژدا داخۇئا تېخنولوگىيە فرانسىيە، خىكۋىژىن فرانسىيە تارماق شركىتى ۋە خۇاۋېي فرانسىيە تارماق شركىتىگە قارشى قانۇنىي شىكايەت تاپشۇردى، بۇ WUC دىن چىققان بايانات بويىچە شىكايەت، مەشھۇر فرانسىيەلىك ئ‍نسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى ۋىليام بوردون (بوردون & ئاسسوسىېس) تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان بولۇپ،  ئۈچ خىتاي شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولغانلىقى ئەيىبلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى ئىلان قىلغان باياناتتا،  رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن مۇنداق بىلدۈرگەن: «بۇ شىكايەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قاتناشقان بارلىق شىركەتلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىدىغان مۇھىم ئەسكەرتىش، بىز فرانسىيە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ بۇ مەسىلىگە لايىق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا ئىشىنىمىز» .

WUC بايانىتىدا كۆرسىتىلگەندەك، مەزكۇر قانۇنىي دەۋا تۆت ئېغىر ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئېغىرلاشتۇرۇلغان قۇللۇققا شېرىكلىكنى يوشۇرۇش، تەشكىللىك گۇرۇپپا سۈپىتىدە ئادەم سودىسىغا شېرىكلىكنى يوشۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىكلىكنى يوشۇرۇش، ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىكلىكنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت.

بۇ قانۇنىي ھەرىكەت «روسيە ئارمىيەسىگە مەبلەغ سالما» نامىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئۇكرائىنادا خىكۋىژىن ۋە داخۇئا نازارەت كامېرالىرىنىڭ كەڭ قوللىنىلىشىنى تەكشۈرۈپ ئاشكارىلاپ كەلمەكتە. WUC دوكلاتى بويىچە، تەتقىقاتلار بۇ شىركەتلەرنىڭ ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ياۋروپادا ئەركىن پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ەشكىلات دىرېكتورى ئولخا ماتسېليۇخ مۇنداق بىلدۈرگەن:

 «WUC بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ›روسيە ئارمىيەسىگە مەبلەغ سالما’تەشكىلاتى ھەم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھەم ئۇكرائىنادىكى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدۇ».

45 بەتلىك قانۇنىي شىكايەت ھەر خىل ئاممىۋى مەنبەلەر ۋە دەلىللەرنى قوللىنىپ، بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش مۇئەسسەلىرىنى قۇرۇش ۋە ساقلاشقا قانداق تۆھپە قوشقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىش تەدبىرلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خىكۋىژىن ۋە داخۇئا ئىككىلىسى خىتاي ھاكىمىيىتىگە سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق يۈز تونۇش سىستېمىلىرى قاتارلىق ئىلغار نازارەت تېخنولوگىيەلىرىنى تەمىنلىگەن. خىكۋىژىن كامېرالىرى مەسچىتلەر، مائارىپ ئورۇنلىرى، ئاممىۋى جايلار ۋە ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ئىچىدە بايقالغان. ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججەتلەر ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتلار خىكۋىژىننىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر شەخسلەرنى تونۇيدىغان، ئىرقىي تەۋەلىكى ئاساسىدا ساقچىلارغا خەۋەر بېرىدىغان يۇمشاق دېتال ياراتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

WUC دوكلاتىغا كۆرە، داخۇئا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقنى ئېنقلاشقا يۈز تونۇش تېخنولوگىيىسىنى ختاي ھۆكۈمتىگە تەمىنلىگەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خىزمەتلىرىنى ماددى ياردەم بىلەن قوللاڭ:

https://www.gofundme.com/f/support-uyghur-times-a-voice-for-the-voiceless

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئويۇن يۇقىرى پەللىگە چىقتى: خىتاي:«ئامېرىكا بىلەن ئاخىرىغىچە كۆرەش قىلىمىز!

سە ئاپرېل 8 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئاپرېل ختاي ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا جاۋاپ قايتۇردى.خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە %50 باج كىرگۈزۈش تەھدىتىگە قارشى، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن «ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى» ۋە قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ماللىرىغا قارشى 34% تاموژنا […]
سودا ئۇرۇشى-ختاي-ئامېرىكا

You May Like