پېرىزدىنت تىرامپ بىلەن قىلىشقان شەخسىي پاراڭنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار ئۈچ كىشىنىڭ ئىيىتىشىچە، پېرىزدىنتنىڭ خىتايغا قارىتا تاموژنا بىجىنى بوشىتىش نىيتى يوق ئىكەن. ئەكىسچە، تىرامپ تامۇژنا بىجى ئارقىلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ جىنىنى قاقشاتماقچى بولۇپ، تاماژنا بىجىنىڭ ئۈنۈمى تولۇق كۆرۈلگىچە بىر ئاز ۋاقىت ئالىدۇ دەپ قارايدىكەن.

خىتاي خەلق بانكىسى بۇ ئاينىڭ بىشىدا قەرزبەرگۈچى بانكىلارنىڭ زاپاس نىسبىتىنى 1% تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىلا تۆت قېتىم زاپاس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ھىساپلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق تۆۋەنلىتىلگەن زاپاس نىسبىتى ئارقىلىق بانكىلار 1.2تىرلىيون يۈەن )تەخمىنەن 175مىليارد دوللار (سىرتقا قەرز بىرىشقا بولىدىكەن.

خىتاي زۇۋانى ھىساپلىنىدىغان شىنخۇا ئاگىنتلىقى ئالدىنقى ھەپتە مەملىكەت مىقياسىدا 5.3 مىليوندىن ئارتۇق يىڭى ئۆي قۇرۇلىشى ئىلىپ بىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ غايەت زورقۇرۇلۇش تۈرىنى خىتاي خەلق بانكىسى بىسىپ چىقىرىدىغان 3.2تىرلىيۇن يۈەن (500مىليارد دوللار)ئارقىلىق ئىلىپ بارىدىكەن. ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇنچە زور كۆلەمدىكى بوشىتىلغان پۇل سىياسىتى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟

ئاق ساراي ئىقتساد مەسلھەتچىلەر مەجلىسى رەئىسى دۈشەنبە كۈنى،ئەگەر خىتاي داۋاملىق قائىدىگە خىلاپ شەكىلدە ھەركەت قىلسا ئامېرىكا ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ خىتاينى بۇ تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقىرشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتايGDP سى 2018-يىلىنىڭ ئۈچىنجى پەسلىدە %6.5 كە، يەنى 2009- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان.

گەرچە بۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىدا غەلبە قازىنىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىىندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سانلىق مەلۇماتلارغا تېخىمۇ تەپسىلى قارىغاندا خىتايGDP سىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئاساسى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللارنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئىقتىسادنى پىشاڭسىزلەشتۈرۈش ئۇرۇنىشىدىن بولغان كۆچمە مەبلەغنىڭ سىقىلىشى ئىقتىساد ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان

شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ۋەزىيىتى بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ساياھەتچىلىكى قايتىدىن گۈللەنگەن مەنزىرىسىگە شنجاڭ بىخەتەرلىكىگە خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئىشەنچىسى ماس قەدەمدە تىزدىن ئەسلىگە قايتىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزا كومىتىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزگەرتىلگەن » ش ئۇ ئا ر رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامنامىسى» ئىلان قىلدى. بۇ نىزامنامە چوقۇم پۈتۈن شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختتايغا قارىتىلغان سياسى ،ئېقتسادى ،ھەربى سياستى ھەققىدە ئۇنېۋرسال نۇتۇق بولۇپ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى ختتاي كومپارتىيسى ۋە رەھبەرلىكىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتلىرى،ئۆز خەلقىگە قارىتىلغان سياسەتلىرى تولۇق ئېچىپ بىرىلگەن.

ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.] خىتاي ـ پاكستان ئىقتسادى كارىدورىنىڭ بىر قىسمى بولغان گىۋادار پورتىنىڭ قۇرلۇشى ئۈچۈن كۆپىيىپ كەتكەن خىتاي نۇپۇسى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئېچىلغان خىتاي تىلى مەكتەپلىرى پاكستان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

مالايسىيە باش مىنستىرى ماخاتىر موھەممەت ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغاندا مالايسىيا ھۆكىمىتىنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد دوللار بولغان ئىككى خىتاي قۇرلۇشىنى توختاتقانلقىنى ۋە سەۋەبىنىڭ بولسا بۇنچىۋالا قەرزنى دۆلەتنىڭ تۆلەپ بولالمايدىغانلقىنى بايان قىلدى.

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73-نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىىشى باشلىنىش يېغىنىغا ئۈلگۈرتۈپ ۋاشنگىتون ۋە نىيۇيورك ئەتراپىدا ياشايدىغان نۇرغۇن ختتايغا قارشى تەشكىلاتلار نامايىش ئىلىپ باردى.

ياۋروپا پارلامېنتى يېغىنىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يېڭى « ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات » ماقۇللاپ چىقتى . 30 بەتلىك بۇ دوكلات ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ ، ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتى ، ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەقلىرى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھىندىستان، مومباي: 14- سېنتەبىر جۈمە كۈنى 150 نەپەر ئەتىراپىدىكى مۇسۇلمانلار ھىندىستاننىڭ مالىيە مەركىزى مومباي شەھىرىدە نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايۇنى(شەرقى تۈركىستان)دا مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرى ۋە سىياسى ئۆزگەرتىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى توختۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى.

رەسىم: مالايسيە مالىيە مىنستىرى لىم گۈەن ئىڭ ، مالايسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەبلەغ سالغان نىفىت ۋە تەبئي گاز يەتكۈزۈش تۇربسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تۈرنى بىكار قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

تۈركىيە تۆمۈر يول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈر يولنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن 35 مىليارد يوۋرو مەبلەغ سېلىپ يېڭى پويىز قاتالىقلارنى سېتىۋالماقچى بولغان. گوروھى باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

تۈركىيەگە بىرلىشىش چاقىرىقى سۇنۇپ كېلىۋاتقان خىتاي، تۈركىيەگە بىر مىليارد دولار مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا تۈركىيەگە قارىتا پلانلىغان ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا،مەبلەغ سالغۇچىلارغا سودا پۇرسىتى چاقىرىقى سۇنغان تۈركىيەنىڭ

ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقىلىۋاتىدۇ. تۆنۈگۈن قاتاردىن قولغا كەلگەن 15 مېليارد دولارلىق مەبلەغنىڭ كەينىدىن، بۈگۈن خىتاي مەبلەغ

سالغۇچىلىرىمۇ كۆزىنى تۈركىيەگە تىكتى.

خىتاي – ئامېرىكا ئوتتۇرسدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرشۇشنىڭ نەتىجسىز ئاخىرلشىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى سودا ئۇرشىنىڭ تېخمۇ كەسكىلنشدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى

31-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى 46 نەپەر ختتاي ئۆكتىچى زات ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى ئەيىپلەپ بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسى زىيانكەشلىكىنى توختىتىشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭغا بېسم چۈشۈرۈشكە،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى رايونغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە چاقىردى.

خىتاي ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇۋاتىدۇ: خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدا ئارمىيە تۇرغۇزىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىر بەن فارمەرنىڭ 29 ‫-‬ ئاۋغۇست ئىسلامئ‍ابادتىن بەرگەن خەۋىرى