شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەققىدىكى باياناتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى بىلەن، مەرھۇم رەھبىرىمىز ئ‍ابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ باشلامچىلىقىدا بەرپا قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى 2006-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاساسىدا تەدرىجىي كېڭەيگەن، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ يېتەكچى مۇھاپىزىكار جامائىتى بولغان رەسمىي بىر ھەرىكەتتۇر. […]

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئومۇمىي سايلام يىغىنى 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇل سەفاكۆيدە ئۆتكۈزۈلۈپ، رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى. يىغىن شەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا باشلىنىپ 14:00 تە ئاخىرلاشتى. يىغىنغا بىرلىكىمىزگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 50 كىشى قاتناشقان بولۇپ يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. […]

يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئىسىملىك شەخس ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەيىپلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.  تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر پىكىر بايان قىلماقتا ۋە تاراتقۇلار خەۋەر قىلماقتا. جامائەت بۆلۈنمەكتە، كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك 2023-يىلى سەلىم پاشادىكى ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدىمۇ بىغۇبار ئۇيغۇر قىزلىرىغا […]