(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن) مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا 1. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى تالانتلىق شائىر، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى، مىللەت سۆيەر جەڭچى ئابدۇخالىق ئابدۇرەھمان ئوغلى ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ باغرى يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.