بىر مىللەتنى پۈتۈن ئۆلتۈرۋەتمەي تۇرۇپ ئاستا-ئاستا ۋەيران قىلىشنىڭ چىقىمى ناھايتى ئېغىرغا توختايدۇ، ئەمما ختتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق قىلىشقا رازى!

شىنجاڭ (شەرقىي تۇركستان) دا بىر كىرىزىس بار. تەپسىلاتى تېخچە قاراڭغۇ . خىتاي كومنىست پارتىيسى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۇركستان) 12 مىليۇن ئۇيغۇر ۋە قازاقنى كونترول قىلش ۋە ئۈچۈن بەرپا قىلغان نازارەت ۋە تېرورلۇق سىستمسى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرگىلى ئۇنمايۋاتىدۇ.

يېقىندا ۋاتس ئاپتا تارقالغان ،ئۈرۈمچى شەھىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر ۋىدىئودا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنمىگەنلىكى كىشلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا.

مۇھىم مەزمۇنلار

خىتتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليۇندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى جازا لاگىرلىرىغا سولىغانلىقىدىن ئەيىپلەندى.
جازا لاگىرلىرىدا شاھىد بولغان ئىككى ئۇيغۇر ب ب س ( BBC ) كەچلىك خەۋەرلىرىدە لاگىرلاردا يۈرگۈزۈلىۋاتقان جىسمانىي ۋە روھىي قىيناشلارنى ئېيتتى.
بىرەيلەن يولۋاس ئورۇندۇققا كېشەنلىگەنلىكى، ئۇخلاتمىغانلىقى ھەم ساقچىلارنىڭ ئۇرۇپ قىينىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يەنە بىرەيلەن ئۇ تۇنىيدىغان كىشلەرنىڭ لاگىردا « نېرۋىسىدىن كەتكەن » دەك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى دېدى.

شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان -ت) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتىقادى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى بىتچىت قىلىش خاراكتېرىدىكى زەربە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، مىليونلىغان كىشى قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىغا قامىلىپلا قالماي يەنە زور تۈركۈمدىكى مەسجىدلەرمۇ تۈزلىۋېتىلدى.

ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ش ئۇ ئا ر ( ش ت ) سېكىتارى چىن چۋەنگونىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سياسىتىنى ناھايتى ئاشكارا ۋە قاراتمىلىق ھالدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرۇش،يوقتىشنى نشان قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم پاكىتى ئاشكارىلاندى: ئاتا-ئانىسى لاگىرلارغا سولانغان بالىلار، ئاتا -ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بالىلار ، ياكى ئاتا -ئانىسى چەتئەللەردە قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ مىللى كىملىكى «خىتتاي» كىملىكى بىلەن تىزىملىنىپ ،يېتىمخانىلەرگە ئىلىپ بېرىلماقتا

ئىلان قىلىنغان ۋاقىت: 14- ئاۋغۇست ۋاشنگىتون پوچتسى باش ماقالىسى: تەرجىمە قىلغۇچى:تارىم قىزى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى