شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرىدىن چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلۋاتقان مەلۇم بىر ئۇيغۇر، ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنىگە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق دىنى ئالىملىرىدىن بىرى بولغان نۇر قارى ھاجىنىڭ، ھىچ سەۋەپسىزلا 20 يىللىق كىسىلىپ، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئېغىر جىسمانىي ۋە روھى ئازاپ تارتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى كومتىتى ۋە مۇخپىرلارغا يەتكۈزۈپ قۇيىشىنى ئېيتقان.

بۇ يىل 11-ئاينىڭ 24- كۈنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئاسىيە ئابدۇلئەھەد خانىم قولغا چۈشۈرگەن 24 بەتلىك مەخپى ھۆججەت خەلقئارا مۇخبىرلارنىڭ ياردىمىدە دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇيغۇرئاگىنتلىقىمىز پىدائىيلىرى ئاسىيە خانىمدىن مەخپى ھۆججەت ئارگىنالىنى سوراپ ئالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ چىقتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاسىيە خانىمغا يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمىز!

«شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى»يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ ئۈچىنچىسى، لاگىردىن ھايات قۇتۇلغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن بىرى -تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن .

ئىككى تۈرلۈك بىرىكمە دورا ۋە دۆلەتلىك DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان رەزىللىكلەر! ئۇلارنى توسمىساق، بىر مىليارد 400 مىليۇن خىتاي تىرىك ئەزا ئامبىرىغا ئايلىنىدۇ.

9 – ئاينىڭ 17 -كۈنى «قورقۇنچقا قارشى ئۇرۇش» ناملىق يۇتۇيۇب ھېسابىدا «شىنجاڭ، يېڭى تەپسىلاتلار» نامىدا بىر سىن ھۆججىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى بىر سېكۇنتلۇق يېرىدە بۇ سىن ھۆججىتىنىڭ مەلۇم بىر كومپيۇتېر پروگراممىسى ئارقىلىق ئىچىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى ئاچقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرۈنۈش بار.

تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى «زىمىستان » تورىغا ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلىدى. ئۇلار ھەر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە پىسخىكىلىق ئازاپلاش قىلمىشلىرىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

7 -ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا خەلىقئارا دىننى ئەركىنلىك كومىتىتى دىلشات پەرھات ئاتاماننىڭ تىزدىن قويۇلۇپ بېرلىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

« بۇ مەسجىد نەگە كەتتى؟ »، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى سونئىي ھەمراھ رەسىملىرى بىلەن پاش قىلىپ كىلىۋاتقان شاۋىن جاڭ » (Shawn Zhang) كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى»نى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئۇچۇرنى تىۋىتتىرىغا يوللىغان. 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەسجىد « دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم تارىخي ۋە مەدەنىي ئاسارە- ئەتىقە ئورنى بولۇشىغا قارىماي، 2018- يىلىنىڭ بېشىدا غايىپ بولغان»، دېمەك بۇ مەسجىدنىڭ چېقىلىشى ئۈچۈن خىتاي گوۋۇيۈەننى تەستىقلىشى كېرەك ئىدى.

تۈركىيە دۆلەت تىلىۋىزىيسى TRT نىڭ خەلىقئارالىق قانىلى TRT WORLD بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئابدۇرىھىم ھېيتنىڭ ھاياتلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرنۈشىنى شۈبھىلىك دەپ خەۋەر قىلدى.

ئابدۇرەھىم ھىيتنىڭ تۈركىيەلىك كەسپداش دوستى،سەنئەتچى بۇنيامىن ئاكسۇنگۇر تۈركىيە مىديالىرىغا گۇۋاھلىق بىرىپ،داڭلىق سەنئەتكارىمىزنىڭ شەھىت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.