200 مىليون يىل ئىلگىرىكى ھاشاراتلارنىڭ رەڭگى قانداق؟ بۇنى پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىشقىلا بولىدۇ، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى قالمىدى. ھالبۇكى، جۇڭگو، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ئالىملىرى ھاشاراتلارنىڭ تاشقاتمىسىدىكى قۇرۇلما رەڭگە ئاساسەن، 200 مىليون يىل ئىلگىرىكى ھاشاراتلارنىڭ «ھەقىقىي رەڭگى» نى ئېچىپ بەردى. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ بالا ژۇرنىلى «ئىلىم-پەن تەرەققىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.