«دىكتاتۇرلار ۋە ئەنگىليەنىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا» ناملىق سۆھبەت يىغىنىدىن خۇلاسە ۋە تەسىراتلار (بۈيۈك بېرتانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكەن ئەھمىيەتلىك روزا ھېيت) -ئائىشەگۈل ئىلاۋە: مەن ئۆزەمنى مىللەت ئۈچۈن ئەرزىگۈدەك مۇھىم بىر ئىشلارنى قىلغانلاردىن، قىلىۋاتقانلاردىن ياكى ئاكتىپلاردىن دىيەلمەيمەن، شۇڭا قىلغان ئىشلىرىمنى قەلەمگە ئىلىپ تارقىتىپ يۈرۈشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلگەنىدىم، ئەمما بەزى دوستلار ماڭا بۇنداق سورۇندا ئۇيغۇر ئاۋازى بولۇشنىڭ ئەھمىيتى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئەركىن دولەتلەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئوزىمىزگە مۇۋاپىق سورۇن ۋە پائالىيەت شەكىللىرى بىلەن خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان مىسلىسىز خورلۇق ۋە زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتقان ياكى قىلىشنى خالىمايۋاتقان ئوقۇمۇشلۇق ئىنسانلارغا مەدەت بولسۇن ئۈچۈن، بۇ كۈنكى يىغىندىن ئۇچۇر بېرىشىم ھەققىدە تەكلىپ بەردى. شۇ سەۋەپلىك كەمىنە سىلەرگە بۇ يىغىن توغرۇلۇق بىلگەنلىرىمنى ۋە تەسىراتلىرىمنى، ئوزۈمدىن سورالغان سوئاللارنى ۋە بەرگەن جاۋاپلىرىمنى يەتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم. ئاڭلاپ/ئوقۇپ كۆرۈپ تەنقىدى پىكىرلەردە بولۇشۇڭلارنى سورايمەن. ئىنشائاللاھ، كىيىن يەنە مۇشۇنداق پۇرسەتلەر بولۇپ قالسا، قانداق سۆزلىشىم، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشۇم كېرەكلىكىگە پايدىسى بولۇپ قالغۇسى! ئەمىسە تەپسىلاتى ھۇزۇرۇڭلاردا بولسۇن! بۇ قانداق يىغىن؟ بېرتانىيە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار كومېتىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەنگىليە پارلامېنتىدا 2019- يىل 5-ئىيۇن چۇشتىن كىيىن «دىكتاتۇر ئەللەر ۋە ئەنگىليەنىڭ شۇ دولەتلەرگە قارىتا تاشقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىياسەتلىرى توغرىسىدا» ناملىق سوئال-جاۋاپلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىلىپ بىرىلدى. يىغىننىڭ ئالدىنقى قىسمىدا دىكتاتۇر ئەللەردە ياشىغان ۋە ئۇلارنىڭ تەڭسىز سىياسەتلىرىنى بىشىدىن ئوتكۈزگەن ئۈچەيلەن (مەندىن باشقا بىرسى شىمالى كورىيەلىك، يەنە بىرەيلەن روسىيەلىك) گۇۋاھچىلار قاتارىدا بۇ يىغىنغا قاتناشتۇق. ھۆكۈمەت تەرەپتىن 8 پارلامېنت ئەزاسى ۋە باشقا تاشقى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك خادىملار قاتناشتى، گۇۋاھچىلاردىن بىرمۇ-بىر، تەپسىلى سوئاللارنى سورىدى. بۇ بىر ئوچۇق يىغىن بولغاچقا، لوندوندا ياشاۋاتقان 30 دەك ھەر مىللەت كىشلىرى قاتارىدا ئۈچ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزمۇ ئاڭلىغۇچى ۋە قوللىغۇچىلار قاتارىدا قاتنىشىپ، ماڭا مەدەت بەرگەن بولدى. ئەپسۇسكى، يىغىن ئارىلىقىدا پارلامېنتتىكىلەرنىڭ سايلام بىلىتى تاشلىشى سەۋەپلىك ئارىدا ئازراق توختىتىلىپ، سوھبەت ئەسلى پىلاندىن بىرئاز سوزۇلۇپ كەتتى.، شۇڭا مېنى قوللىغان بىر ئۇيغۇر ئاكىمىز بىلەن خاتىرە قالدۇرالمىدىم. ئاكىمىز ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ قەدىمىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! يىغىننىڭ كىيىنكى يىرىمىدا ئەنگىليەنىڭ ئۇنۋېرسېتىتلىرىدا دىكتاتۇر ئەللەرگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۈچ مۇتەخەسسىس بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىلىپتۇ. مەن ئۆيگە بەك كەچ قالماي دەپ بۇ قىسىمغا قاتناشمىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ توغرىلىق تەپسىلى توختالمايمەن. قىزىققۇچىلار پارلامېنتنىڭ تور بېتىگە كىرىپ يىغىننىڭ تولۇق تەپسىلاتىنى ئاڭلاپ/كۆرۇپ باقسا بولىدۇ. ئەنگىليەنىڭ مەقسىتى: ئەمەلىي پاكىتلارنى يىغىپ بۇنىڭدىن كىيىنكى تاشقى سىياسەتلىرىدە دىكتاتۇر دۆلەتلەرگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى تەڭشىشى مۇمكىن (دەپ ئىشنىمەن). بۇ ئۇلارنىڭ شۇ تۈرلۈك ئىلىپ بىرىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ پەقەت ئاغزاكى گۇۋاھلىققا ئائىت بىر قىسمىلا بولۇپ، ئۇلارنىڭ تور بىتىگە خالىغان ئادەملەر كىرىپ (دىكتاتۇر ئەللەردىن كېلىپ ئەنگىلىيىدە ياشاۋاتقانلار دەپ چۇشەندىم) يازما شەكىلدە گۇۋاھلىق بەرسىمۇ بولىدىكەن. بۇ خىزمەت تۈرى تىخى ئاياقلاشماپتۇ: https://www.parliament.uk/…/parliament-2…/autocracies-17-19/ يىغىندىكى تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچىلار ھەققىدە: بىز ئۈچىمىز ئۆز كىملىكىمىز ۋە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزدىن قىسقىچە ئىزاھات بىرىپ ئۆتتۇق. شىمالى كورىيەلىك ئايال خىتايغا ئادەم بىدىكلىرىنىڭ سېتىشى بىلەن بېرىپ، شۇ يەردە تۇغۇلغان بىر بالىسىغا 6 ياشقا كىرگەندىمۇ خىتاي نۇپۇسىقا ئالدۇرالماي، خىتاي تەرەپ مەجبۇرى ئۆز دۆلىتىگە ھەيدىۋىتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ لوندوندا شىمالى كورىيەلىكلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسى ۋە شۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى باشقا شەخس ۋە ئورگانلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارغۇچى پروجەكىت دېرىكتور ئىكەن. ئىككىلىمىز خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ ئاڭلاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەكرەك دىققەت قىلىپتىمەن. روسىيەلىك ئادەم سودىگەر بولۇپ، بايانلىرىنى باشقا بىرەيلەن جۈملىمۇ-جۈملە تەرجىمە قىلىپ بەردى، مەن بەك تەپسىلى ئاڭلاپ بولالمىدىم، شۇڭا بۇ ھەقتە تەپسىلىي يازمىدىم.( سورۇندا يا ھوقۇقى يا پۇلى يوق ئاۋامنىڭ ۋەكىلى مەنلام بولسام كىرەك، ھاھاھاھاھاھا.) توۋەندىكىلەر شۇ كۇندىكى يىغىندىن كوپچىلىك بىلىپ قىلىشقا تىغىشلىك مۇھىم نۇقتىلار: 1. سىلەرگە ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتقان جەرياندا تەھدىتلەر بولدىمۇ؟ بىرەرسى ئالاقە قىلدىمۇ؟ جاۋاپ: ماڭا ئائىلەم ئارقىلىق ئاز ئالاقە قىلىشىم ۋە ھىچ نەرسە ئەۋەتمەسلىكىم بىلدۇرۈلگەنىدى؛ ئىككى يىل ئاۋال «ئانىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتكەن سوۋغاتلىق پۇلنى ئالىمەن، دەپ بانكىغا كىرگەن ئىنىمنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن 3 كۈن سوراق قىلىنغىنىنى ئاڭلىغانىدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن نېمە ئىش بولغىندىن خەۋىرىم يوق؛ ئۆيىمىزنىڭ تىلفۇنى 2017- يىلى يازدا كېسىۋېتىلىپتىكەن؛ ئۇكىلىرىمنىڭ پاسپورتلىرى تارتىۋىلىنغان. ئۇلار ماڭا «باشقا دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا بارغانلار قايتۇرۇلۇپ كىلىنىۋاتىدۇ، سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز سورالدى، سىزگىمۇ تىلفون قىلىشى مۇمكىن» دىگەنىدى. مەن ۋىچەتنى ئەزەلدىن كۆپ ئىشلەتمەيتتىم، شۇنداقتىمۇ ۋىچەتىمدە بار بولغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلەر ھەممىسى مېنى ئۈچۈرۈۋەتتى، كىيىن مەنمۇ ۋىچەتنى ئىشلەتمەي تېلفۇنۇمدىن پۈتۈنلەي يۇيۇۋەتكەن بولدۇم، لىكىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم ئۆتتۈم. بۇ يەردىن بىرسى ئالاقە قىلمىدى، ئەمما خىتاينىڭ ھەممە يەردە كۆز-قۇلاقلىرىنىڭ بارلىقى ھىچ سىر ئەمەس. 2. سىلەر دىكتاتۇر تۈزۈم بىلەن چىرىكلىكنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىلەر؟ چۇنكى نۇرغۇنلىغان دىكتاتۇر ئەللەردە بۇ خىل چىرىكلىك شۇ دۆلەت تۈزۈلمىسى تەرىپىدىن يۇشۇرۇلغان ھالەتتە مەۋجۇتتەك تۇيۇلىدۇ. جاۋاپ: سىلەر ئىنىق بىلگەندەك خىتاي بىرلا پارتىيە ھاكىميەت يۈرگۈزىدىغان دۆلەت. شى ھۇقۇق تۇتقاندىن بىرى، پارتىيە ئىچىدىن «ھەر قايسى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى پاكلاش» دىگەن شەكىلدە چىرىكلىككە زەربە بىرىش كۆرىشى ئىلىپ باردى. لىكىن، ئەڭ كۈلكىلىك يىرى، بۇنداق چىرىكلىكتە ئەيىپلەنگۈچىلەر دەل شۇ ئۆزلىرىنىڭ پارتىيەسىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، مەسلەن، ئۆلكە ۋە باشقا ئورۇنلاردا باشلىق، مىنىستىر دەرىجىلىك ھۇقۇقى بارلار بولۇپ چىقتى. ئاندىن جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى رەھبەرلىرى ۋە ئەڭ چوڭ بايلار تىزىملىكتە بار. دېمەك خىتايدا پارتىيە ئەزالىرى، ھوقۇقى ۋە پۇلى ئەڭ جىقلار ئەڭ چىرىك دىگەن گەپ. خىتايدىكى ھاكىمىيەت ئەنئەنىسىگە قاراپ باقساق، تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئۆسۈشتە يۇقىرىدىكىلەرگە پارا بىرىپ ئۆسىدۇ. خىتايدا قانۇن-بەلگىلىمە باردەك كورۇنگىنى بىلەن، خىتايدىكى نۇرغۇن ئىشلار ئۇستەل ئاستىدا يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى كۆرۇنۈشتە بەلگىلىمە باردەك تۇرغان بىلەن، مۇھىم ئىشلار پەردە ئاستىدا نۇرغۇن پارا بېرىش يولى بىلەن بولىدۇ، بۇ ھەتتا ئاددى بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. مېنىڭ بۇنداق تۈزۈمدە ياشاۋاتقانلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈستەل ئاستىدىن پارە بېرىدىغان ئىشلارنى تۈزەتمىسە، دۆلەتتىكى چىرىكلىك مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. 3. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەنگىلىيەدە بىخەتەر ھىس قىلامسىلەر؟ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھۇقۇق ئاكتىپلىرىغا قانداق قوللاشلاردا بولۇشى كىرەك، دەپ قارايسىلەر؟ شۇ تۈزۈم بىلەن پاناھلانغان باشقىلارغىچۇ؟ جاۋاپ: مەن بۇ دۆلەتتە ئوزەمنى بىخەتەر ھىس قىلىمەن، ئەمما بۇ ھېسسياتىم 50%. چۈنكى مېنىڭ چوڭ ئائىلەم ۋەتەندە، ئۇلار بىلەن ئالاقەم 2017- يىلى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلدى. شۇنڭدىن بېرى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇت ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانام ۋە قان-قېرىنداشلىرىمدىن ئەنسىرەپ كېلىۋاتىمەن. مانا بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى مۇسۇلمانلار شاد-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، ئەمما مەن ۋە مېنىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرلۇرۇم ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا »»ھېيت مۇبارەك!»» دىگەن چىرايلىق بىر ئىغىز سالامنىمۇ يەتكۈزەلمىدۇق، مانا بۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى شەرھىيلەپ بىرەلەيدۇ، شۇڭا مەن يۇقىرىدىكى سوئالنى سىلەردىن سوراي، سىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار خىتاي بىلەن نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىڭلار، بېرىش-كېلشىڭلار بار، سىلەر بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەرنى قانچىلىك دەرىجىدە قوغدىيالايسىلەر؟ بۇ مېنىڭ سورىماقچى بولغان بىرىنچى سوئالىم. ئىككىنجى، بىلىشىمچە تۈركىيەدە خىتاي ۋە باشقا بىرقىسىم دۆلەتلەردىكى خىتاي بىسىمى سەۋەپلىك تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ قانۇنلۇق تۇرۇش ۋە ئىشلەش ئىجازىتى يوق، بارلىرىنىڭمۇ ۋەتەنداشلىقى يوق بولغاچقا، ۋىزا ۋاقتى تۇشۇپ قالسا، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇزارتىپ بەرمەسلىكى سەۋەپلىك، ئۆزىگە بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇشىدىن يەنى خىتاي ئىشخالىيىتى ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزگە قايتۇرۇلۇۋېتىلىشتىن ھەر ۋاقىت ئەنسىرەپ،دەككە-دۈككىدە يۈرىدۇ، شۇڭا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن مۇشۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ئەنگىلىيەگە قۇبۇل قىلسا، دىگەن تەكلىپنى بىرىمەن. ئۈچىنچى، خىتايدا قانۇن يوق، ئۈزى خالىغانچە تۈزىدۇ ۋە ئوزگەرتىدۇ. كىم ھۇقۇق تۇتسا شۇنىڭ دېگىنى قانۇن بولىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن تىلىمىز، مەدەنىيتىمىز چەكلىنىپلا قالماي، بەلكى خەلقىمىزنىڭ ھەممە ئىشلىرى 24 سائەتلەپ كۆزىتىلىپ ۋە كونتىرول قىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. مەن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن (ئەگەر مۇمكىن بولسا) بىزنىڭ ۋەتەندە چەكلەنگەن تىلىمىز ۋە مەدەنىيتىمىزنى ھازىر ياشاۋاتقان ئەللەردە ساقلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرىشىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز مەزلۇم مىللەتلەرنى قوغدىشىمىز كىرەك. 4.سوئال: سىلەر ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى تىلغا ئالدىڭلار، سىلەرچە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە قانداق شەكىللەردە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق سىلەر كەلگەن ئەللەردىكى خەلقلەر تارتىۋاتقان ئەھۋاللارنى ياخشىلاشقا تەسىر كورسىتەلىشى مۇمكىن؟ جاۋاپ: بىز UK ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەم باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلگىنىدىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنلاردا خىتايغا قارشى چىقىپ بىزنىڭ دەردىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدىن كۆپ مىننەتدارمىز، ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە سۆزلەپ قۇيۇش بىلەنلا توختاپ قېلىقلىق. خەلقىمىز كۆرۈۋاتقان زۇلۇم پەقەت ئىنسان ھەقلىرى مەسلىسى دائىرسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. ئۇ يەردە 2 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئادەمنىڭ ھاياتى تەھدىت ۋە خەۋىپ ئاستىدا. بىز خىتاينىڭ ئسىتاستىكىسىدا 12 مىليون بولساق، 3 مىليون ئادەم چىدىغۇسىز كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. خىتايدا قانۇن دىگەن نەرسە يوق. سىلەر دېموكراتىك ئەللەر ئۆزۈڭلار تەشەببۇس قىلىۋاتقان باراۋەرلىك، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغدايمىز دەيدىكەنسىلەر، سىلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىڭلار چۇقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلاردا خىتايغا ياردەم قىلىشتا، ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىشتا چەكلىمە قويۇشى ۋە بەزى ساھەلەردە بۇنداق ھەمكارلىقنى توختىتىشى كىرەك. بۇنداق بولمىغاندا خىتاي سىلەر تەربىيلەپ بەرگەن تېخنىك خادىملار ئارقىلىق، تېخنىكىلار ئارقىلىق بىزگە قىلىۋاتقان زۇلۇمنى تېخىمۇ قولاي ۋە تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بارالايدۇ. باشقىچە قىلىپ دىگەندە، نۇمۇسسىز خىتاي تېخى ھازىرغىچىمۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى »»ياتاقلىق مەكتەپ»» »»كەسپى تەربىيلەش ئورۇنلىرى»» دەۋاتىدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ يەرلەردە بىزنىڭ 400 دىن ئارتۇق پروفېسسور، ئەدىپ، سەنئەتكارلىرىمىز ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىكى سەرخىللىرى، زىيالىيلىرى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازاپ تارتىۋاتىدۇ، ئۇلارغا تەربىيلەش كەتمەيتتى!!! ئۇلار يۇقىرى ۋە ئاكادىمىك سەۋىيىدە خىتايچە بىلىدۇ، ئۆز كەسپلىرىگە پۇختا، ئۇلار مىللىتىمىزگە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يەنە شۇ خىتاينىڭ دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توھپە قوشۇۋاتقانلار ئىدى، ئۇلارنىڭ شۇغۇللانغىنى خىتايچە ئۆگەنسىلا ئورۇنلىشالايدىغان ئۇنداق ئاددى خىزمەتلەردىن ئەمەس بەلكى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ جاپالىق ۋە شەرەپلىك خىزمەتلەر ئىدى، ئەمما خىتاي ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى قىلچە ئىتىراپ قىلمىدى…بىز مانا مۇشۇنداق بىر رەزىل بىر ھاكىميەت ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز! شۇڭا سىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىڭلار خىتاي بىلەن ئۇچراشقاندا، توختاملار تۈزۈشكەندە مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئېسىدە تۇتۇشى، خىتاينىڭ سىلەر تەمىنلەپ بەرگەن يۇقۇرى پەن-تىخنىكىنى ۋاستە قىلىپ بىگۇناھ خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلشىغا ياردەم قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. مەسىلەن، ئەنگىليەدىكى »»Arm, ئارم»» شىركىتى خىتاينىڭ »»ئادەملەرنىڭ يۈزىنى تونۇش»» تېخنىكىسىنى شۇنداق كەڭرى ئىشلىتىشىدە ئەڭ مۇھىم تېخنىكا ياردەم قىلغان، دېگەن خەۋەرلەرنى كۆردۇم، سىلەرنىڭ ئەڭ يىقىن ئىتتىپاقدىشىڭلار ئامېرىكىدىكى »»تېرمو-فىشەر,Thermo-fisher»» قاتارلىق شىركەتلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زور كۆلەمدە DNA ۋە قان ئەۋرىشكىسى توپلاشتەك بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى ساندانلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان…بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەۋەرلەردىن كۆردۇق، مۇشۇنداق ھەمكارلىقلار چوقۇم توختىتىلشى كىرەك، دەپ قارايمەن. مېنىڭ يۇقىرىدىكى مىساللىرىمغا قارىتا سۆزۈمگە ئۇلاپلا بىر پارلامىنت ئەزاسى مۇنۇلارنى ئىنكاس سۈپتىدە بىلدۈردى: بىزنىڭ مۇشۇ كومېتىتنىڭ تارمىقىدىكى بىر بۆلۈمدە ئەنگىىليەدىكى »»ئارم, Arm»» ۋە نازارەت سېستىمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىكىسپورت قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ، كومېتىتىمىزمۇ بۇ مەسلىگە قىزىقىمىز ۋە بۇ ھەقتە سۈرۈشتە قىلىمىز. 5. سوئال مەندىنلا سورالدى: قارىشىڭىزچە مۇسۇلمانلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان ئەللەر بۇ مەسلىگە پەرقلىق قاراۋاتامدۇ؟سىلەر دىنىي قىرىنداشلىرىڭلار بار ئەللەردىن سىلەرگە ھېسداشلىق ۋە ياردەم كىلىۋاتقىننى ھىس قىلامسىلەر؟ سىلەرچە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەر سىلەرنىڭ كۆرۈۋاتقان زۇلۇملىرىڭلارنى خىتاي بىلەن سۆزلەشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتامدۇ ياكى بۇ ئىش نەزەردىن ساقىت بولۇپ قىلىنىۋاتامدۇ؟ جاۋابىم: بۇ بىر ياخشى سوئال بولدى، ئەمما بۇ جەھەتتە بىزنىڭ كوڭلىمىز بەك يېرىم. بىزنىڭ باشقىلاردىن بىر ئىش قىلىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىمىز بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچبولمىسا بىزنىڭ دىنىي ۋە بەزىلىرى ھەتتا تىلداش قېرىنداشلىرىمىز ئىدى، ئەمما بۇلار ئىچىدە پەقەت تۈركىيەلا بىز ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە سۆز قىلغان بولدى، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. تېخى يېقىندىلا OIC («دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى») يىغىنى ئىچىلدى، ھېچكىم بۇ يىغىندا بىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى. تۈركىيە گەپ قىلغان بولدىيۇ، ئەمما…ئاڭلىشىمىزچە بىر مۇنچە ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىمۇ ساقچىخانىلارغا قامالغان. بۇلارنى تۈرمە دىيەلمەيمىز ئەمما بۇنىڭدا خىتاينىڭ يىراقتىن كونتىروللىقىنىڭ سەۋەبى بار. ياخشى يېرى ئۇلار ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمىدى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئىيتىمىز. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتسام، خىتايدا كىشىلەرنى دىنىي-ئىتىقاد ئەركىنلىكى بار دەپ يىزىلغان، مەن ئىنتايىن نورمال بىر مۇسۇلمان ئايال، بەك كۆپ دىنىي بىلىمىممۇ يوق، ناماز، روزىنى ئادا قىلىمەن. لېكىن خىتاي كونتىروللىقى ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزدە ياشاۋاتقان خەلقىم مېنىڭدەك ياغلىق ياكى ھىجاپقا ئارتقىنى ئۈچۈن تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ. ياغلىقلىق ئاياللار «مەدەنىيەتسىز» سانىلىپ ’‘تەربىيلىنىۋاتىدۇ»»، مۇشۇ چەكلىمىلەر ھازىرقى مېدىئا ياردىمىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن بىر سىر ئەمەس! كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى، ئۇلار بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ، ۋە ھەتتا خىتاي بىلەن بىللىيون دوللارلىق سودا كېلىشىملىرىنى تۈزۈۋاتىدۇ؛ بىز ئۈچۈن گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ بىزگە قىلغانلىرىنى يوللۇق، دەپ زالىمنىڭ يېنىدا، تەرىپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قارىتا تۈركىيە تەرەپتىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ۋەكىللەرنى ئەۋەتىپ ئەھۋالىمىزنى بىلدۇرۈۋاتىمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش خېلىلا تەس ئىش ئوخشايدۇ. يىغىندىن تەسىراتىم: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەت سورۇنىدا، بىر دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر مۇنازىرە قىلىنغان يىغىنغا قاتنىشىشىم. بۇ مەن ئۈچۈن بىر خىل ھاياجان ۋە تەمتىرەش جەريانى بولدى. ھاياجان دېگىنىمدە، بۈگۈنكىدەك ئىنسانىيەت كۆرمىگەن زۇلۇمنى كۆرۈۋاتقان بىر ئاجىز مىللەتنى ئەنگىلىيەدەك مۇھىم بىر دىموكراتىك دۆلەتنىڭ ئسىتىراتىگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئېتىبارغا ئېلىشى، بىزگە ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر ۋاقىت پۇرسەت بىرىۋاتقىنى بولدى. تەمتىرىگىنىم، بىر مۇنچە ئاكادېمىىك يىغىنلارغا قاتنىشىپ باققان ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماقالىلەر ئوقۇپ باققىنىم بىلەن يەنىلا بىر دۆلەتنىڭ پارلامىت ئەزالىرى بىلەن روبىرو ئولتۇرۇپ، كامىرا ئالدىدا تۇرۇپ، خەقنىڭ تىلىدا جىددى تۈستە سۆزلىشىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەسكەن. بولۇپمۇ بۇ مەندەك بىر كىتاپچى، كۆپ ۋاقتىنى تەجرىبە-تەتقىقات بىلەن ئۆتكۇزۇپ، ئاۋازلىق مېدىئالارغا پاسسىپ بىر ئادەمگە نىسبەتەن بىر چوڭ سىناق ھەم چىنىقىش بولدى. مۇشۇ كۈندىن ھىس قىلدىمكى، خىتاينىڭ بىزگە قىلىۋاتقان زۇلۇمى ۋە چەكلىمىلىرى بىزلەرنى ئوزىمىز ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ساھەلەرگە سۆرەپ ئەكىرمەكتە؛ ئوزىمىزنىڭ گېپىنى ئۆزىمىز قىلىشنى بىلمىسەك، خەقلەر دەپ بەرگىنى بويىچە تەقدىرىمىز پىچىلىۋىردىكەن. شۇڭا بىزنىڭ نوۋەتتىكى ئەھۋالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە سورۇن ۋە پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن دېموكراتىك ئەللەرگە رەھمەت ئىيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر مىللەت ئۈچۈن ئەمەلى بىر قەدەم ئىلشى بەك زۆرۈركەن. 5-چىسلا مېنى مۇشۇ قېتىملىق »»سوئال-جاۋاپ»» مەيدانىغا شەرتسىز بىرىشقا ئۈندىگەن ۋە شۇ سورۇنغا بىرىپ ماڭا ئۈنسىز مەدەت بەرگەن ئەنگىليەلىك ئۇيغۇرلىرىمغىمۇ رەھمەت دەيمەن. ئۈمىدىم: تېخىمۇ كۆپ زىيالىيلار ئۆزىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، ئۆگەنگەن تىل ۋە بىلىمىمىزنىڭ زاكىتىنى بېرىپ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشىدىكى ھەقىقىي ئاۋانگارتلاردىن بولايلى. ئارىمىزدىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مۇتەخەسسىسلەر، ناتىقلار، مېدىئا ئەرباپلىرى ۋە قانداق سورۇندا نېمە دېيىشنى بىلىدىغان ھەقىقىي خەلقپەرۋەر سىياسىيونلار ۋە لىدىرلار كۆپلەپ چىقسۇن! بۇ يىغىننىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى ماۋۇ ئۇلىنىشتىن ئاڭلىيالايسىز: https://parliamentlive.tv/…/fc0698a9-f6d5-4ad7-92f1-07f63c6… 8. ئىيۇن ئەنگىلىيە.
بۈيۈك بىرىتانىيە پارلامىنتىدا ئۆتكەن ئەھمىيەتلىك روزا ھېيىت
«دىكتاتۇرلار ۋە ئەنگىليەنىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا» ناملىق سۆھبەت يىغىنىدىن خۇلاسە ۋە تەسىراتلار (بۈيۈك بېرتانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكەن ئەھمىيەتلىك روزا ھېيت) -ئائىشەگۈل ئىلاۋە: