ۋاڭ يى بىلەن بلېنكىن ميۇنخېندا غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشتا بولدى

ۋاڭ يى بىلەن بلېنكىن ميۇنخېندا غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشتا بولدى

 ۋاڭ يى بىلەن  بلېنكىن ميۇنخېندا غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشتا بولدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 19-فېۋرال

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلېنكىن 18-فېۋرال «ميۇنخېن تىنچلىق يىغىنى» ئېچىلىش جەريانىدا خىتاي مەركىزى سىياسىي بيۇروسى تاشقى ئىشلار خىزمەت كومىتېتى مەسئۇلى ۋاڭ يى بىلەن غەيرىي رەسمىي سۆھبەتتە بولغان. ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇچرىشىش ئورنى ۋە سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي جەريانى سىرتتىن مەخپىي تۇتۇلغان. ئەمما سۆھبەتتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتچىسى نەد پرەس (Ned Pric) نىڭ بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بلېنكىن سۆھبەتتە ھەر ۋاقىت خىتاي بىلەن دىپلوماتىك دىئالوگ يوللىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ يېڭى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ باشلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

شەنبە كۈنى بلېنكىن كولومبىيە رادىئو شىركىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: « بەزى ئۇچۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي تەرەپ رۇسىيەگە » ئەجەللىك ئەمەس» دەپ قارالغان بىر قىسىم ئەشيالارنى ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنىمىز، يەنە بەزىبىر ئۇچۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزچە ئۇلار رۇسىيەگە قارىتا  «ئەجەللىك» قوراللارنىمۇ تەمىنلەشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. بىز خىتايغا شۇنى ئېنىق قىلىپ ئېيتىمىزكى، بۇ ھال ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئىنتايىن ئېغىر بولغان مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»

بلىنكېننىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە سۆھبەت جەريانىدا ئۇ ۋاڭ يىغا ئوچۇق قىلىپ ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە «ئەجەللىك» قوراللار بىلەن ياردەم قىلسا ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى ئەسكەرتكەن. مۇخبىرنىڭ جاسۇسلۇق شارى مەسىلىسىدە ۋاڭ يىنىڭ كەچۈرۈم سورىغان ياكى سورىمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا ئۇ «ياق، كەچۈرۈم سورىمىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن، ئەمما ئىنتايىن قەتئىيلىك بىلەن ئامېرىكا مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ۋاڭ يى بلېنكىن بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ئىلگىرىدىكى «ميۇنخېن تىنچلىق يىغىنى» دا قىلغان نۇتقىدا جاسۇسلۇق شارى توغرىسىدا توختىلىپ ۋاشىنگتوننى بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن تەلۋىلەرچە ئىنكاس قايتۇردى دەپ تەنقىد قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى: خىتاي كەلگۈسى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت

دۈ فېۋرال 20 , 2023
ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى: خىتاي كەلگۈسى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت

You May Like