بىز غەرپنىڭ ئويۇنچۇقى ئەمەس

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

3-ئۆكتەبىر كۈنى يۇتۇپتا ۋە تۈركىيەدىكى بىر تېلۋىزىيە قانالىدا «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن بىر فىلىم قويۇلدى. فىلىمدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يوق، بۇ غەرپنىڭ ئويۇنى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى غەرپ قۇرۇپ چىققان. غەرپتىكى ئۇيغۇر داۋاگەرلەر ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى سېتىپ پۇل تاپىدۇ. ئامېرىكا خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. غەرپلىكلەر ئۇيغۇرلارنى كوزۇر قىلىپ خىتاينى جازالاۋاتىدۇ» دېگەن پىكىرلەر خۇلاسەلەنگەن.

فىلىمدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋە شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكانىڭ ئىقتىساد ئاجرىتىپ قۇرۇپ چىققانلىقى، ھازىرقى ئۇيغۇر داۋاسىنى ئامېرىكانىڭ يۆلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن لاپ ئۇرۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە رادىكاللارنى يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىستانبۇلدا ئاشقۇنلۇق تەربىيەسى، سۈرىيەدە ھەربى تەربىيە ئېلىۋاتقان»لىقى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاغزى بىلەن دەلىللەنگەن.

فىلىم ئىشلىگۈچى ئەرجان كۈچۈك تۈركىيەدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش بىلەن تونۇلغان بىر مۇخپىر، تۈركىيەدىكى ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتچىسى. مەن بۇنداق بىر كىشىنىڭ فىلىمى سەۋەپلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قارىلىنىپ كېتىشىدىن ۋايىم يەپ كەتمەيمەن. بۇنداق بىر فىلىم بىلەن بىرەر چوڭ زىياننىڭ تارتىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپمۇ كەتمەيمەن. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم دۇنيانى خاتا تونۇشىمىزنىڭ، دۇنيانىڭ ياردىمىنى خاتا چۈشىنىشىمىزنىڭ، تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى خاتا رىقابەتنىڭ، خاتا قارىلاشلارنىڭ دۈشمەنلىرىمىزگە بىزنى مات قىلىدىغان پاكىت بولۇپ بېرىشىدۇر. مەن ئىچىمىزدىكى ساۋاتسىزلىق، ساپاسىزلىق، سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ مۇشۇنداق فىلىملەردىن ئورۇن ئېلىپ يۈزىمىزگە تەستەك بولۇپ تېگىشىدىن ئەنسىرەيمەن.

فىلىمدە باشتىن ئاخىر پۇلنىڭ گېپى دېيىلگەن. پۇلنىڭ گېپىگە رەڭ قوشقان نەرسە سۈيقەست نەزەرىيەسى. بۇ فىلىمدىكى سۈيقەست نەزەرىيەسى دېگىنىمىز بۇ دۇنيانى ئامېرىكا باشلچىلىقىدىكى غەرپ باشقۇرىدۇ، غەرپ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بارلىق ئۇرۇش، زىددىيەت ۋە توقۇنۇنۇشلارنىڭ پىلانچىسى. خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار پۇل ئۈچۈن داۋا قىلىدۇ، سەۋەبى خىىتاينى كۆرەلمىگەن غەرپ ئىستىخپاراتى ئۇلارنى پۇل ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلەپ تۇرىدۇ…دېگەندەك قۇرۇق تۆھمەتلەر.

مەنچە ئۇيغۇرغا كۆيۈنىۋاتقانلاردىن گۇمانلىنىش، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى مەنپەئەتكە تاقاپ چۈشىنىش ئارىمىزدا خېلى خېرىدارلىق. غەرپنىڭ ئۇيغۇردىن پايدىلىنىپ كېتىشدىن ئالاقزادە بولۇش خېلى بازارلىق. ئۇيغۇرنى قوللاشنى ئامېرىكانىڭ كوزۇر قىلىشى، ئامېرىكانىڭ ئويۇنى دەيدىغان بۇ قاراش فىلىمگە چىقىپ قالغان ئاپتورنىڭ قارىشىلا ئەمەس، خېلى مانا مەن دېگەن ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ، ئۆلۈمالارنىڭ، داۋاگەرلەرنىڭ، دانىشمەنلەرنىڭ ئورتاق قارىشى. ئۇلار گەپنىڭ سەتىنى قىلغاندا ئۆزىنى غەرپنىڭ ئويۇنچۇقى، ئوينىشى دەپ قارايدۇ، ئۆزىنىڭ ئوينىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى نومۇسمۇ قىلماي، غۇرۇرى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ سۆزلەپ كېتىدۇ.

يېقىندا بىر جامائەت سورۇنىغا بېرىپ قالدىم. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى غەرپنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللاۋاتقانلىقى، مەنپەت قازانسا تاشلايدىغانلىقى داۋا قىلىندى. بۇ گەپكە ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق باش ۋەزىرى چېرچىلنىڭ دۆلەتلەر ئارا «مەڭگۈلۈك دوستلۇق يوق، مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىكمۇ يوق، پەقەتلا مەڭگۈلۈك مەنپەئەت بار» دېگەن سۆزى نەقىل قىلىنىپ ئىسپاتلاندى.

بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ ئومۇملاشقان بىر سۆز.

مەن بۇنداق كىشىنى سەسكەندۈرۈدىغان گەپنى بەك تولا ئاڭلىغان. توغرا، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت شۇنداق نەپ ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز دۆلەت ئەمەس. بىزنىڭ قولىمىزدا خەققە بېرىدىغان ھىچ نەرسە يوق! ئىلكىمىزدە نە بايلىقى بار دۆلەت، نە ئىشلەمچى مىللەت يوق. بىزنىڭ دۆلەتنى خىتاي بېسىۋالغان، ئۇ خىتاينىڭ چىگراسى ئىچىدە، مىللەت ئۈستى ئوچۇق قاماقتا. بىز خەقنىڭ دۆلىتىگە بېرىپ سىغىنغان، پاناھلىق تىلىگەن، قېچىپ بېرىۋالغان قاچقۇن، مۇساپىر، سەرگەردان. بىزگە ياردەم قىلغان غەرپ، ئامېرىكا بىزدىن قايسى مەنپەئەتنى ئالار؟

غەرپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا مەنپەئەتلەرنى كۆزىگە دەڭلەپ تۇرغان خىتاي تۇرسا، قانچىلىك دېسە بېرىدىغان كومپارتىيە تۇرسا، بىزدەك مۇھاجىرەتتە نەچچە يۈز مىڭ خەلقى بار، ئەمما يىلىغا 50 مىڭ ياۋرۇ ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى يىغالمايدىغان ئۇيغۇرلارنى دۆلەتتەك كۆرۈپ مەپەئەت كۈتۈپ، بىزدىن پايدا تاما قىلىپ، بىزگە مەبلەغ سېلىپ بىزنى يۆلەپ كېتەرمۇ؟

بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى غەرپنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادى توقۇنۇشى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان دەپ قارىشى، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى غەرپلىكلەرنىڭ جان بېقىش دەسمايىسى قىلىۋالغانلىقىنى ئەزۋەيلىشى «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن فىلىمدە ناھايىتى ئۇستاتلىق يۈزىمىزگە ئۇرۇلۇپتۇ. ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش دەپ مۇشۇنى دەيمىز.

مەن غەرپلىك يازغۇچى، تەتقىقاتچى ۋە مۇخپىرلار بىلەن بىللە ئىشلەيمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېيىپ كەتكەن بىرىمۇ يوق. بايلىق ئۈچۈن يازىدىغان بىرىمۇ يوق، ئەمما مىليونىرلارنىڭ بالىلىرى بار. مەن ئۆيىگە بارغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۇيغۇر پاجىيەسىنى ئاڭلاپ ئازاپلىنىپتۇ ۋە شۇندىن كېيىن مۇخپىرلىققا كىرىشىپتۇ. شۇلارنىڭ بىرىنىڭ بۇ پاجىيەنى ھەل قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىر تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس سۇنۇپ مېنى قوشۇۋالغاندا بىلدىم.

بەزەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر يازىدىغان، تەتقىقات قىلىدىغان، داۋا قىلىدىغان غەرپلىكلەرنى ئېلىپ تۈركىيەگە بارىمەن. زىيارەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزەن ئۇلارنى كىمنىڭ پۇلىغا ئىشلەيدۇ، دېيىشىگە شاھىت بولىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۆپى بىكارغا ئىشلىمەيدۇ، ئەمما ئۇلارنى پۇلنى كۆزلەپلا ئىشلەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار پۇلغىلا ئىشلىسە خىتايغا ئىشلىسە بولىدۇ. خىتاي ئۇلارنى باي قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى راستىنلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلەپ، ماقالە يېزىپ داڭق چىقاردى، ئەمما باي بولالمىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەمەس، ئافىرىقا پىلى ھەققىدە كىتاپ يېزىپمۇ داڭلىق بولالايتتى. غەرپلىكلەر ئۆز ياشاۋاتقان غەرپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىپ پۇل تاپسا گېلىغا كەلگۈدەك باج تۆلەيدۇ. ھېساپ بېرىدۇ. ئەمما خىتايغا بېرىپ، كومپارتىيەگە ئىشلىگەن بولسا باج تۆلىمەيدۇ. خىتايغا بارماي تۇرۇپ ئىشلىگەن بولسىمۇ خىتاي ئۆزىگە ئىشلىگەنلەرنى تۇيدۇرماي باي قىلىۋېتىدۇ.

توغرا ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، دېموكراتىيەگە تەشنا ھەر قانداق مىللەتنى قوللايدۇ، ئەمما مەبلەغ دۆلەت مالىيەسىدىن چىقمايدۇ. شۇڭا ئۇ قوللاش بىر دۆلەتنىڭ ياردىمى ئەمەس، بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ ياردىمى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى 2006-يىللاردىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا فوند بېرىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسى بولغان «شەرقى تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» 1992-يىلىلا قۇرۇلۇپ بولغان. ئۇ چاغدا ئامېرىكا بەرگەن پۇل يوق ئىدى. بۇ فوندى جەمئىيەت يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا بەرمەيدۇ. دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان 100 دىن دۆلەتتىكى ئارتۇق 2 مىڭدىن ئارتۇق تەشكىلاتقا فوند بېرىپ قوللايدۇ. بۇ بىر ئاممىۋىي تەشكىلات، پۇل تاپمايدىغان تەشكىلات بولغاچقا، بۇنداق تەشكىلاتلارغا پۇل ئىئانە قىلغانلارغا باجدا ئىتىبار قىلىنىدۇ، ياكى يىل ئاخىرىدا باجغا ھېساپلىنىپ ماڭىدۇ.

ئامېرىكا قاتارلىق غەپتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار قوللاشقا ئېرىشىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن، ئۇلارنىڭ داۋاسى شۇ دۆلەتنىڭ كېلەچەك مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ناۋادا ئىلتىماس سۇنۇپ ئالالىسا فوندقا ئېرىشىدۇ. بۇ قوللاش غەرپتە دۆلەتسىز ئۇيغۇرغىلا ئەمەس، دۆلەتى بار تۈركلەرگە، نېفىتى بار ئەرەپلەرگە، ئاتوم بومبىسى بار پاكىستانلىقلارغا، يەرلىك چېكەرمەنلەرگە ئوخشاش بېرىلىدۇ. ياردەمچىلەر ھىچقاچان ياردەملەرنى «بىز پۇل بېرەيلى، سەن بىزگە داۋا قىلىپ بەر» دەپ چاقىرىپ يوشۇرۇن بەرمەيدۇ.

ياردەم غەرپتىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئيىتىگە ئوخشاش سىزدەك، مەندەك ئادەملەر قۇرغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ قولى بىلەن، ئۇلارنىڭ نەچچە ئاي، ھەتتا يىلغا سوزۇلىدىغان تەستىقى بىلەن بېرىلىدۇ. ئاۋۋال تەشكىلات قۇرغان ئۇيغۇرلار ئۇلارغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. فوندلار سۇنۇلغان ئىلتىماستىكى پىلانلارنى باھالايدۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا بېرىدۇ، بولمىسا بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرمۇ، ئەرەپمۇ، نېرۋا كېسەلمۇ، ھەمجىنىسمۇ ھەممىسى ئ‍وخشاش. مەسىلەن ياۋرۇپانى ئالساق، گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئارخپىدىن باشقا ھىچ بىر تەشكىلات تېخى فوند ئېلىپ باقمىدى. ئامېرىكادا مۇئاشلىق بىرمۇ ئادىمى يوق ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قۇززات ئ‍التاي رەئىس بولغان ۋاقتىدا يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يۆلەپ تۇرغۇزغان ئىدى.

بىزنى قوللاۋاتقانلار كۆرگىلى بولمايدىغان بىر قارا سايە، يوشۇرۇن كۈچ، مەخپىي ئىستىخپارات تەشكىلاتى ئەمەس. بىزنى پۇل تاپاي دەپ يۆلىگەن، بىزنى دۆلەتتەك كۆرۈپ تامادا بولۇۋاتقان ھىچ بىر دۆلەت يوق. بىزنى قوللاۋاتقانلار خۇددى سىزدەك مەندەكلا ئىنسان. بىزنى ئىلھاملاندۇرىۋاتقانلار بىرى ناھەق تاياق يىسە غەزەپلىنىدىغان، بىر كىشىنىڭ غۇرۇرى چەيلەنسە چىدىمايدىغان ئادەم ۋە شۇنداق ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان خەلق. ئۇ خەلقنىڭ راھىلە داۋۇتتەك قىزى بار، ئەمما قاماقتا ئەمەس سەھنىدە، ئۆيدە، ئېتىزدا. شۇڭا ئۇلار بىگۇناھ راھىلە داۋۇتتەك قىزلارنىڭ قاماقتا ئازاپ تارتىشىنى خالىمايدۇ. بىزنى قوللاۋاتقانلارنىڭ ئىلھام توختىدەك دادىسى بار، ئۇلار دادىلارنىڭ زىندانلاردا چىرىپ كومپارتىيەگە يەم بولۇشىنى خالىمايدۇ.

غەرپتە دۆلەت دېگەن بىزنى قوللايدىغان زۇلۇمغا، تاياققا، خورلۇققا ئۆچ خەلقنىڭ تۆلەۋاتقان بېجى بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ چىدىمىغان خەلق بېجىنى يەۋاتقان، ئۆزى سايلىغان سىياسەتچىلەرنى سوراققا تارتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قاماقتىكى بىكارلىق ئەمگىكى سەۋەبى بىلەن پۇل تاپقان، ئۆزىگە مال سېتىۋاتقان بايلاردىن ھېساپ سورايدۇ. شۇڭا سىياسىيۇنلار سەھنىلەردە ئۇيغۇرنى تىلغا ئالىدۇ، بايلار ئۇيغۇرغا ياردەم قىلغان فوندى جەمئىيەتلەرگە ئىئانە قىلىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى شۇ مەدەتلەر بىلەن توم چىقىۋاتىدۇ، خىتاي شۇڭا ئۇتتۇرىۋاتىدۇ. ئەمما تۈركىيەدە پەرقلىق، ئۇ يەردە دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن مېڭىۋاتقان تەشكىلاتلار بار، شۇڭا دۆلەتنى سوراۋاتقان پارتىيەدىن باشقا پارتىيە بىلەن كۆرۈشەلمەيدۇ.

ئۇيغۇردا «ئىتنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسا ئاسماندىن سۆڭەڭ ياغاتتى» دەيدىغان بىر ماقال بار. بۇ دۇنيادا كىم نېمىنىڭ غېمىدە بولسا شۇنى ئويلايدۇ، شۇنى چۈشەيدۇ. خۇددى ئىت ئۇخلىسا سۆكەڭ چۈشەپ، دۇئا قىلسىمۇ سۆكەڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغاندەك ئاچلىق، تويماسلىق، نەپسانىيەتچىلىك قېنىغا ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ھەممە نەرسە پۇل، مەنپەئەت، پايدا بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا مۇھەببەت، ئىنسانىيلىق، پىدايىلىق، سېخىلىق دېگەنلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.

«تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن فىلىمنى ئىشلىگەن، ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ چاپارمىنى ئەرجان كۈچۈكنىڭ ئۇيغۇر داۋاگەرلەرنى پۇل سېتىلغان دېيىشى دەل ئۆزىنىڭ خىتايغا، پۇلغا، پايدىغا سېتىلغانلىقىدىن بولغان. ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ زۇۋانى بولغان ئايدىنلىق گېزىتى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇسال قانال دېگەن تېلۋىزىيەسى ئەگەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلاردەك غەرپتىن فوند ئالالىغان بولسا ئىدى، غەرپتىن مەبلەغ ئالغان ئازاتلىق رادىيوسدەك داڭلىق بولغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ غەرپتىن فوند ئالغىدەك، قورقماي خەققە دېيەلىگۈدەك، ھېساپ بېرەلىگۈدەك ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بىرەر پىلانى بولغان بولسا بۈگۈنكىدەك دۇنيادا نەچچە مىڭ ئادەم بىلىدىغان، نەچچە يۈز ئادەم قوللايدىغان، پەقەتلا ئۇيغۇرنى قارىلاپ جان باقىدىغان، خىتايدىن تىلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمايتتى.

«تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ھەيران قالارلىق، ئېچىنارلىق ئەمەس. بىزنىڭ شۇ فىلىمچىلەر بىلەن ئوخشاش ئويلاپ، ئۆزىمىز ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئۆزىمىز ئىنكار قىلىشىمىز، شۇلارنىڭ غەرپكە قارشى مەيدانىغا مەپتۇن بولۇشىمىز ھەيران قالارلىقتۇر.

ئەگەر غەرپنىڭ ياردىمىدىن گۇمانلىنىشتا چىڭ تۇرساق بىزنى ۋاستە قىلىشقا، تۈركىيەدە خىتاي بىلەن ئىشلەشكە تەييار، غەرپكە ئۆچمەن كىچىك كومۇنىستىك دىنسىز پارتىيەلەر يالغۇز بىر ۋەتەن پارتىيەسىلا ئەمەس، شۇلارنىڭ دامىغا چۈشكىنىمىز چۈشكەن. ئەگەر غەرپنىڭ ياردىمىدىن شۈبھىلىنىشتە، ئۇلارنى كاپىرغا چىقىرىپ شەكلىنىشتە مەھكەم تۇرساق «پەلەستىننى قوللاۋاتقان» خىتاينى مۇسۇلمان قىلىپ «يەھۇدىلارنى قوللاۋاتقان» كاپىر ئامېرىكاغا مۇشت ئاتماقچى بولۇپ تەق تۇرغان دىندار جامائەتلەرگە چاپارمەن بولۇپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ.

شۇڭا، ئەڭ ئېچىنىشلىقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بىراۋلارنىڭ غەرپنىڭ ئويۇنى دېيىشى ئەمەس، بەلكى بىزدە شۇلارغا تەڭكەش قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا گەپ سېلىپ بېرىدىغان كىشىلەر ۋە پىكىرلەرنىڭ بازارلىق، ئالقىشلىق، نوپۇزلۇق بولۇۋاتقانلىقىدۇر. شۇنداقلارلا بولىدىكەن، بۇنداق فىلىملەرگە ھەر زامان ماتىرىيال تەييارلاپ، ئارتىس بولۇپ بېرىدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ كىشىنى ئەڭ ئازاپلايدىغان يېرى ئۇيغۇرنىڭ ئازابى ئاساسسىز، ساختا، پاكىتى يوق ئويدۇرما، ئۇيغۇرنىڭ تەشكىلاتلىرى پۇلپەز ئالدامچى دېگەنلىكى ئەمەس بۇ پىكىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەر بىلەن تەستىقلانغانلىقىدۇر.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

گىتارچى ئەركىن ئابدۇللا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئويۇنىغا ئۇسۇل ئوينىماقتا

سە ئۆكتەبىر 10 , 2023
مەھمۇتجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 9-ئۆكتەبىر 7-ئۆكتەبىر سوسيال مېدىيادا تارقالغان ۋىدىئوغا ئاساسلانغاندا، تونۇلغان ئۇيغۇر گىتارچى، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان گىتارچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بېيجىڭ ئايرۇدۇرمىدا باشقىلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى تارقالدى. ئەركىن ئابدۇللا ئەينى چاغدا ۋەتەندە ئۇيغۇرلار بېشىغا ئىلىپ كۆتۈرگەن ئۇيغۇر سەنئەتكار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرى، قېرىنداشلىرى قولغا ئېلىنغاندىمۇ، […]

You May Like