ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
2020-06-27
2020-يىلى 26-ئىيۇن جەنۋە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھەقلىرى كېڭىشى مۇتەخەسىسلىرى خىتايدىكى يادرولۇق ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشقا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. ب د ت بەرگەن دوكلاتتا، خوڭكوڭ مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى رەسمىي ھالەتتە يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىشى بولۇپ ھسابلىنىدۇ. بۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى باھالاش كومىتېتىدا ئاۋازغا ئېرىشكەندىن كېيىن چوڭ كۆلەمدە تەنقىدكە ئۇچرىشى بولۇپ، بۇ تەنقىد ۋە بايانات خىتاينىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور بېسمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن بشارەت بېرىدۇ.