بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى : دۇنيادا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى ماسلاشتۇرغۇچىسى مارتىن گىرىففىس 6-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن رايونلاردا توقۇنۇش پەسەيمىدى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل.

گىرىففىس مۇنداق دېدى: دۇنيادا نۆۋەتتە تەخمىنەن 300 مىليون كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل تەخمىنەن 188 مىليون ئادەمگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 49 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم مەبلىغىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرمەكتە، لېكىن ھازىرغىچە ئاران 8 مىليارد ئامېرىكا دوللارى توپلاندى. بۇ يىلنىڭ يېرىمىغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك قىيىن ۋە ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ باقمىغان.

گىرىففىس 3-ئاينىڭ 25-كۈنى «سالامەتلىكى» سەۋەبىدىن 6-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ئاتالمىش «ئامېرىكىنىڭ 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى» ئېلان قىلدى

دۈ ئىيۇن 10 , 2024
يىللاردىن بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى باھار پەسلىدە، ختاينىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى ھەقىقى پاكىتلار بىلەن تەنقىد قىلىپ ، كىشلىك ھوقۇق خاتىرسنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قوللىنىپ كەلگەنىدى. يېقىندا ختاي ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئىزلەشكە باشلىدى. بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ھېسابلانغان ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سىياسى، ئىجتىمائىي، ئىقتسادىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئ‍ۈچۈن تىرىشماقتا.ئامېرىكىدا […]
كىشلىك ھوقۇق

You May Like