شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەر ۋە جىنايەت مەسىلىسى ئىشخانىسى «2024-يىللىق دۇنيا بويىچە ئادەم توشۇپ سېتىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، بالىلارنى ئېلىپ سېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە مەجبۇرىي جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئادەم توشۇپ سېتىش كۆپەيمەكتە.
2019-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2022-يىلى پۈتۈن دۇنيادا بايقالغان ئادەم توشۇپ سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى % 25 ئاشقان.
2019-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، پۈتۈن دۇنيادا بايقالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئادەم توشۇپ سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى %47 ئاشقان.
2019 ـ يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2022 ـ يىلى پۈتۈن دۇنيادا بايقالغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سانى % 31 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىز بالىلارنىڭ سانى %38 ئاشقان.
يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردە، بالىلارنى ئېلىپ-سېتىش ئەھۋالىدىمۇ ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.
جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بارغانسېرى كۆپ ئادەمنى ئېلىپ-سېتىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتىدۇ، بۇ، ئۇلارنى مۇرەككەپ تور ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاياللار ۋە قىزلار بولسا جىنسىي ئېكسپلاتاتسىيە ۋە جىنسىي زوراۋانلىق خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەر ۋە جىنايەت مەسىلىسى ئىشخانىسى جىنايى ئىشلار بويىچە ئەدلىيە جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، جىنايەت زەنجىرىنىڭ ئۇچىدىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى چېگرا ھالقىپ قۇتقۇزۇشنى ھەمدە ھايات قالغۇچىلارنىڭ زۆرۈر قوللاشقا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.