بىرلەشكەن دۆلەتلەر كۆچمەنلەر كېلىشىمى قۇبۇل قىلىندى

11- دېكابىر ماراكەشتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر كۆچمەنلەر كېلىشىمى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. ياۋرۇپادىكى تالاش-تارتىشقا ۋە كىرزىسكە سەۋەپ بولغان، بىلگىيە باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە كىرزىس پەيدا قىلغان كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

 يىڭى شەپەق تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 10- دىكابىر

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: دىلنۇر

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-19

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

  11- دېكابىر ماراكەشتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر كۆچمەنلەر كېلىشىمى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. ياۋرۇپادىكى تالاش-تارتىشقا ۋە كىرزىسكە سەۋەپ بولغان، بىلگىيە باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە كىرزىس  پەيدا قىلغان كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟   2016-يىلى سىنتەبىردە  بىرلەشكەن دۆلەتلەر كېڭىشى سىياسىي پانالىق تىلىگۈچى ۋە كۆچمەنلەر ئۈچۈن نىيۇيورك باياناتىدا يەرشارى خاراكتىرلىك تەرتىپ ئورنىتىش تەكلىپى قوبۇل قىلىندى. 2017-يىلى ئاپرىلدىن باشلاپ دەسلەپكى ھازىرلىقلار باشلىنىپ 18 ئاي داۋاملاشقان مەسلىھەت ۋە مۇزاكىرىلەردىن كىيىن 2018-يىلى ئىيولدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر « بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك كۆچۈش ئۈچۈن يەرشارى خاراكتىرلىك كېلىشىم» نىڭ ئاخىرقى تېكىستىنى بېكىتىپ چىقتى. 11- دېكابىر ماراكەشتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر كۆچمەنلەر كېلىشىمى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. بۇ كېلىشىم 2019-يىلى سىنتەبىردە ئېچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ. 2019-يىلى سىنتەبىردە ئاخىرقى قېتىم ئاۋازغا قويۇلىدىغان  ۋە كېڭەشتە تۈزىلىدىغان كېلىشىم قوبۇل قىلىنسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى كېلىشىمى يەرشارى خاراكتىرلىك بىر كېلىشىم بولۇپ قالىدۇ. مەزكۇر كېلىشىم ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەر ھالدا كۆچۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قالايمىقان كۆچۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. قاچاق يوللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان بالىلار، ياشانغانغانلار ۋە ئاياللارنى يەرشارى خاراكتىرلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق قوغداش مەقسىتىدىكى كېلىشىمگە ياۋرۇپادىن گىرمانىيە باشچىلىقىدا ئاۋىستىرىيە،گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، پولشا، چىخ جۇمھۇرىيىتى، ئىتالىيە، بۇلغارىيە، گىرۇزىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قارشى تۇردى. ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىمزا قويۇشنى خالىمىدى. ئاخىرىدا شىۋىتسىيە كېلىشىمگە ئىمزا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كىيىن، تالاش-تارتىشلار ئەۋجىگە چىقتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىچىدە ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇزاكىرە يىغىنلار ئېچىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق كۆچمەنلەر ئۈچۈن يەرشارى خاراكتىرلىك تولۇق بولغان بىر ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كۆپ تەرەپلىمە تەرتىپلەرنى تېپىپ چىقىش قارار قىلىندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،  ھازىر دۇنيادا 258 مىليون كۆچمەن بار ئىكەن. بۇ سان نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئۇچۇر- ئالاقە تەرەققىياتى، تىجارەت، تەڭپۇڭسىزلىق ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى بارغانچە ئارتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە كۆچۈش تەرتىپلىك ئېلىپ بىرىلغاندا ۋە كونترول قىلىنغاندا، كۆچمەنلەر ھەمدە كۆچۈپ بارغان دۆلەت ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى نۇقتىدىن پايدىسى بولىدىكەن. ئەمما بۇرۇنقى ئەھۋال ھەر تەرەپتىن جىددىي قىيىنچىلىققا سەۋەپ بولۇپ، ئۆلۈم، يۇقۇملۇق كىسەل، كىرزىس، سوقۇشۇش، يەكلەش، ياقتۇرماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە تەھدىد ئېلىپ كەلگەن. كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ تۈرنىڭ تۇنجى ئۆرنىكى سۈپىتىدىكى كېلىشىم قانۇن سۈپىتىدە پۇت دەسسەپ تۇرمىغان تەقدىردىمۇ ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ.   كېلىشىمدە ئىتىراز بىلدۈرۈلگەن مەسىلىلەرنى پىرىنسىپقا بويسۇنغان ھالدا يەرلىكلەر، پۇقرالار ۋە خەلقئارا كۈچلەرگە مۇناسىۋەتلىك 23 ماددىنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1.سىياسەتتە يولغا قويغان باجلارنى يىغىپ ئىشلىتىش. 2.كىشىلەرنى ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە زورلىغان ئامىللارنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش. 3.كۆچمەنلەرنى پۈتۈن مۇساپىدە توغرا ۋە دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش. 4.بارلىق كۆچمەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ئىسپات ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 5.كۆچۈش يوللىرىنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇش. 6.ئەخلاقلىق، ئادىل بولغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى تۈزۈپ، كۆچمەنلەرگە ئىززەت ھۆرمىتى بىلەن خىزمەت تېپىش پۇرسىتى يارىتىش. 7.كۆچۈش جەريانىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى يوقىتىش ياكى ئازايتىش. 8.يوقاپ كەتكەن كۆچمەنلەرنىڭ يىڭى ھاياتىنى قۇرۇشى ئۈچۈن خەلقئاراغا ماس تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش. 9.قاچاقچىلىققا قارشى دۆلەت ھالقىغان مۇداخىلەنى كۈچلەندۈرۈش. 10.خەلقئارالىق قانۇنسىز ئادەم يۆتكەشنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئىلىش. 11.چىگرالارنى بىخەتەر ۋە مۇۋاپىق باشقۇرۇش. 12.بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن قاراپ چىقىش، باھالاش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق كۆچۈرۈش تەرتىىپلىرىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە  ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچلەندۈرۈش. 13.كۆچمەنلىكنى ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە قوللىنىش، مۇھىم نۇقتىنى باشقا لاھىيە ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈش. 14.كۆچۈش جەريانىدا كونسۇللار قوغداش، ياردەم قىلىش، ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش. 15.كۆچمەنلەرنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىشىنى ساقلاش. 16.كۆچمەنلەرنىڭ جەمىيەتكە تولۇق قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش. 17.كۆچۈش ۋە كۆچمەنلەر ئۈستىدىكى ھەرقانداق ئايرىمچىلىقىنى يوقىتىش، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئاساسلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. 18.كۆچمەنلەرنىڭ ماھارىتى، قابىليىتى ۋە كىشىلىك تەرەققىياتىغا دەسمىي سېلىش ۋە بار بولغان ماھارەت، قابىلىيىتى ۋە سالاھىيىتىنى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىتىراپ قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش. 19.كۆچمەنلەر ۋە مۇھاجىرلار ئۈچۈن ھەرقانداق دۆلەتكە تۆھپە قوشالايدىغان شارائىت يارىتىش. 20.كۆچمەنلەر ئۈچۈن تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ بىخەتەر ۋە تېخىمۇ ئەرزان قاتناش بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي پايدا يارىتىش. 21.ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ۋە ئىززىتى بىلەن چىگرىدىن كىرىپ چىقىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش. 22.ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن مىخاينىزىم ئورنىتىش. 23.بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك كۆچۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە يەرشارلاشقان بىرلىكنى كۈچەيتىش. كېلىشىم قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بىلگىيەلىك مىللەتچىلەر ھۆكۈمەتكە مۇھاجىر ۋە كۆچمەنلەر كېلىشىمى توغرۇلۇق نارازىلىق نامايىشى قىلدى. بىلگىيەنىڭ پايتەختى بۇرۇسولدا مىڭلارچە كىشى مالاككادا تۈزۈلگەن ۋە ئامېرىكىدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يەرشارى خاراكتىرلىك مۇھاجىر ۋە كۆچمەن كېلىشىمىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشتى. چۈنكى بۇ كېلىشىم بىلگىيە پارلامىنتىدا ئېغىر تالاش–تارتىش قىلىنغان ئىدى. نامايىش ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئورگانلىرى جايلاشقان شەھەرلەردە ئېلىپ بىرىلدى.  

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە: https://www.yenisafak.com/dunya/164-ulke-goc-anlasmasina-onay-verdi-3414139   https://www.haberler.com/belcikali-milliyetcilerden-hukumete-multeci-ve-goc-11544841-haberi/

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەت 91يېشىدا ۋاپات بولدى

چا دېكابىر 19 , 2018
2018-12-19 ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت 19- دېكابىر بېيجىڭدا 92 يېشىدا ۋاپات بولدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنى يوقلاپ باردى.

You May Like