بىرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا  خىتاي ئۈچۈن نازۇك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا

مۇھاپىزەتچى خەۋىرى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمىسى، 4-ئاۋغۇست

بىرىتانىيەدىكى خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار  ۋە ئوقۇغۇچىلىرى مالىيە مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاراكەندىچىلىك، كۆزىتىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى نازارەت بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ بىر ئاشكارا بولۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇنېۋىرستىتىلاردىكى ئاشكارا بولۇش ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسدە ئاشكارىلانغان.

UK-China Transparency تەشكىلاتىنىڭ بايقاشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى تۈزۈمى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى، بۇتۈزۈمدە-ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاكادېمىك خىزمەتچىلەردىن ئىدېئولوگىيەلىك سىناقتىن ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدىغان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى – مەسىلەن، كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى  قوبۇل قىلىش – قائىدىلەرنى بۇزغانلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (CCP) ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر تېمىلار ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان ئالىملار خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزۇشنىڭ  كەلتۈرۈپ چېقىرىدىغان مالىيە ئاقىۋەتلىرى سەۋەبلىك  ئۇنىۋېرسىتېت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ  بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

سەزگۈر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئالىم خىتايدىن كەلگەن زىيارەتچى ئالىمنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن دەرس بېرىشنى توختاتقان. بۇ زىيارەتچى ئالىم بىر قېتىم ئۇنىڭغا «بىز سىزنى كۆزىتىۋاتىمىز» دەپ پىچىرلىغان، يەنە بىر پائالىيەتتە ئۇنىڭ شەخسىي تارىخى ھەققىدە سوراق قىلغان. يەنە بىر ئالىم ئېغىر دەرىجىدىكى تور ھاقارەت ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن.

بىر زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ خىتايلىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەكتەپ پائالىيەتلىرىنى چارلاشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر  خىتايلىق ئوقۇغۇچى ئۇنىڭغا نازارەتنىڭ ھەممە يەردە بارلىقىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتقاندا ئەمەلدارلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن.

بۇ نەتىجىلەر ئۆتكەن يىلى بىرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي تەتقىقاتى ئالىملىرى ئارىسىدا تارقىتىلغان سوئالنامىغا بېرىلگەن 50 جاۋابقا ئاساسلانغان. جاۋاب بەرگۈچىلەرنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككىسى – 64% ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتايدىن كەلگەن خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارغا مالىيە جەھەتتىن تايىنىشى -مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىغا» تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارىغان، 16% بۇنداق ئەمەس دەپ قارىغان.

يىگىرمە ئىككى پىرسەنت باشقۇرغۇچى ياكى مەمۇرىي خادىملار تەرىپىدىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ قارار چىقىرىشىدا بىر ئامىل ئىكەنلىكى ئېيتىلغانلىقىنى، يەنە 10% بۇنىڭ شۇنداق دەپ ئىشەنگەنلىكىنى، 52% بولسا بۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. 38% بۇ ئەندىشىلەرنىڭ «سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوقۇش ياكى ئەسلى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى» ئويلىغان، 46% بولسا بۇنداق ئەمەس دەپ قارىغان.

بىر ئالىم مىللەتچى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى رەنجىتىشى مۇمكىن بولغان دەرس مەزمۇنلىرىنى ئېلىۋېتىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە مالىيە تەمىنلىگۈچىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان تەتقىقاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتەمدۇ-يوق دەپ سورالغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە شۇ ئالىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشقا ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۆزىنىڭ سەزگۈر تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەھدىت ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شېففىلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئوقۇتقۇچىسى داۋىد توبىن (David Tobin) بۇ دوكلاتنىڭ «مەن 2007-يىلدىن بۇيان بىرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇچراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك كەڭ تارقالغان مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ بىرىدۇ »غانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئالدىنقى خىزمىتىدە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتدىشىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ۋەكىللىرى ھەمدە خىتاي دۆلەت مېدىيا مۇخبىرلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان بىر ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ختاي ۋەكىللىرى بىنادا نازارەتسىز ئايلىنىپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىزمەت رايونىغا كىرىپ كومپيۇتېر ئېكرانىدا ئىشلەۋاتقان سەزگۈر ماتېرىياللارنى كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

توبىن مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (CCP) تەرىپىدىن سەزگۈر دەپ قارالغان تېمىلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان مەندەك ئالىملار دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق قىيىنچىلىق شۇكى، ئەگەر بىز پارتىيە-دۆلەت ماقۇللىمايدىغان نەرسىلەر ھەققىدە يازساق، بىزنىڭ بۇ ساھەگە كىرىشىمىز توسۇلىدۇ».

«بۇ يەردىكى خىتاي ئالىملىرى خۇددى خىتايدا تۇرغاندەك قورقىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆيىدە قوغدالمايدۇ، ئەگەر ئۇلار پارتىيە سىستېمىسى ھەققىدە يازسا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (PRC) ئىچىدە ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ».

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

روشەن ئابباس خانىمنىڭ «يېمىرىلمەس-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەشلىرى» ناملىق كىتاپ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن ئالقشلاندى

دۈ ئاۋغۇست 4 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز، 4-ئاۋغۇست 2-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇرئاگنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز  بىرلىكتە رۇشەن ئابباسنىڭ يېڭى كىتابى  «يېمىرىلمەس-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەشلىرى» نىڭ تارقىتىلىشى  ۋە كىتاب سۆھبەت يىغىنىنى ۋىرجىنىيە شىتاتى فېيرفاكىستىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۆتكۈزدى.  بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، زىيالىيلىرى ۋە جامائەت ئەزالىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتكە […]
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى

You May Like