بىر ئۇيغۇر ئەر ختتايغا قايتۇرۇلماقچى:خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن جىددىي چاقىرىق

بىر ئۇيغۇر ئەر مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلمەكتە[1] ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە مۇئەززىنلىك قىلىپ كەلگەن ئابدۇجېلىل سۇپى ئەمىرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا.

   

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن جىددىي چاقىرىق

  بىر ئۇيغۇر ئەر مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلمەكتە[1] ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە مۇئەززىنلىك قىلىپ كەلگەن ئابدۇجېلىل سۇپى ئەمىرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. ھازىر خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر قارا-قۇيۇق تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇجېلىل سۇپى 20- سىنتەبىر دۇبەيدىكى ئابدۇللاھ بىن رەۋاھە مەسچىتىدە پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئەمىرلىكنىڭ پۇقراچە كىيىنگەن بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇجېلىل ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن مەسچىتتىن يولغا چىقىشىغا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قۇلىغا چۈشكەن. ئۇلار ئابدۇجېلىلنى نۇمۇر تاختىسى يوق بىر ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن. بىخەتەرلىك خادىملىرى ئابدۇجېلىلنىڭ ئايالىغا ئۇنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقى ۋە نىمىشقا تۇتقانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان. ئابدۇجېلىلنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلغاندا ئۇنىڭ تېلېفۇنى ئاللىقاچان تاقىۋېتىلگەن. ئابدۇجېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالالمىغان. 24- سىنتەبىر ئۇ ئايالىغا تېلېفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقان. ئابدۇجېلىلنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى نامەلۇم. ئابدۇجېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئابدۇجېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ سىياسىي «تەربىيەلەش» لاگىرلىرىغا يىغىۋېلىنغان. بۇ لاگىرلاردا يېتىپ چىققان سابىق مەھبۇسلار ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە تۇتۇلغانلار سىياسىي ئىدىيە ئۆزگەرتىش دەرسلىرىگە قاتنىشىپ، سىياسىي ناخشىلارنى ئېيتىشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي كومېنىست  پارتىيىسىنى مەدھىيەلەيدىغان شۇئارلارنى توۋلاشقا مەجبۇرلىنىدىكەن، ھەمدە «لاگىر قائىدىلىرىگە رېئايە قىلمىدى» دەپ قىيىن-قىستاققا ئېلىندىكەن ياكى خورلىنىدىكەن. ئابدۇجېلىل سۇپى 2012 – يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ مىسىرغا كەلگەن ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلامىي ئىلىملەر تەھسىل قىلغان. ئۇ ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكىگە 2017- يىلى ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگىلى بارغان. ئىنگلىز تىلى كۇرسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەمىرلىكنىڭ دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئۇنىڭغا تۇرۇش ئىجازىتى بەرگەن ۋە ئۇنىڭ ئاۋازى چىرايلىق بولغاچ، 2018- يىلى مارتتا ئۇنى مۇئەززىنلىككە تەيىنلىگەن. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇجېلىل دۇبەيدە بىر قانچە مەسچىتتە دەخلىسىز ئىشلەۋاتقانىكەن. ئىنگلىزچە، ئەرەپچە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ تىلىدا ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكى دائىرىلىرىگە تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلىپ تېزدىن مۇراجەت يېزىڭ:

  • ئابدۇجېلىل سۇپىنىڭ تەقدىرى ۋە ئەھۋالىنى تېزدىن ئاشكارىلاش، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان ئادۋۇكاتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلۇۋاتقان ئورنىنى مەلۇم قىلىش؛
  • ئېنىق بىر جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى قۇيۇۋېتىش؛
  • ئۇنى خىتايغا ياكى ئۇنىڭ قىيىن-قىستاققا، جازاغا، ئېغىر كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە خورلاشقا ئۇچراش خەۋپى بولغان باشقا بىر دۆلەتكە قايتۇرماسلىق.

مۇراجەتنى 2018- يىلى 16- نويابىردىن بۇرۇن تۆۋەندىكى كىشىلەرگە ئەۋەتىڭ:  

تەرجىمىسى ئورۇن ۋە شەخسلەر
·     ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيىخ سەئىف بىن زەيىد ئەلنەھيەن   زەيىد تەنتەربىيە شەھەرچىسى ئەرەب گالىف كوچىسى، شەيىخ زەيىد مەسچىدى P.O. Box 398 ئابۇ دابى شەھرى فاكىس:      +971 2 402 2762 ياكى   +971 2 441 5780 ئېھتىرام سۆزى:  ئالىيلىرى ·     Minister of Interior Sheikh Saif bin Zayed Al Nahyan Zayed Sport City Arab Gulf Street, Sheikh Zayed Mosque P.O. Box 398 Abu Dhabi Fax: +971 2 402 2762 or +971 2 441 5780 ·     Salutation: Your Highness
·     تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيىخ ئابدۇللاھ بىن زەيىد ئەلنەھيەن   تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىكى شاھ ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل ئەزىز   ئەلسەئۇد كوچىسى ئەلبەتىن ئابۇ دابى شەھرى، ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكى ئېلخەت: https://bit.ly/2ImbTw1 ئېھتىرام سۆزى: ئالىيلىرى ·     Foreign Minister Sheikh Abdullah bin Zayed Al Nahyan Ministry of Foreign Affairs & International Cooperation King Abdullah bin Abdul Aziz Al Saud street Al Bateen Abu Dhabi, UAE   Email:  https://bit.ly/2ImbTw1 ·     Salutation: Your Highness
·     ئابۇ دابى شاھزادىسى شەيىخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەلنەھيەن   شاھزادە سوتى شاھ ئابدۇللا بىن ئابدۇل ئەزىز ئەلسەئۇد كوچىسى، 124 P.O. Box ئابۇ دابى، ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكى فاكىس: +971 2 668 6622 تىۋىتىر: @MohamedBinZayed ئېھتىرام سۆزى: ئالىيلىرى ·     Crown Prince of Abu Dhabi HH Sheikh Mohamed bin Zayed Al Nahyan Crown Prince Court King Abdullah bin Abdul Aziz Al Saud street P.O. Box 124 Abu Dhabi, UAE Fax: +971 2 668 6622 Twitter: @MohamedBinZayed ·     Salutation: Your Highness

  مۇراجەتنىيەنە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكىدىپلۇماتىك ۋەكىللەرگىمۇ ئەۋەتىڭ.   بۇ چاقىرىقنىڭ ئېنگىلىز، ئەرەب، فىرانسۇز ۋە ئىسپان تىلىدىكى نۇسخىلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن كۆرۈڭ: ئېنگىلىزچە: https://www.amnesty.org/en/documents/mde25/9187/2018/en/%C3%A2%E2%82%AC%C2%AC/ ئەرەبچە: https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018ARABIC.pdf فىرانسۇزچە: https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018FRENCH.pdf ئىسپانچە: https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018SPANISH.pdf تىۋىتىر: https://twitter.com/patrickpoon/status/1048198999679754240?s=21    

جىددىي چاقىرىق

بىر ئۇيغۇر ئەر مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە

 

 تۇلۇقلىما مەلۇمات

ئابدۇجېلىل سۇپى ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلۇپ قالسا، دەرھال ئاتالمىش «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» لاگىرلىرىغا تۇتۇلۇش خەۋپى بار.   2017-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا نۇرغۇنلىغان تۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىنا قىلىندى. «رادىكاللىقنى تۈگىتىش»، «سىياسىي ئۆگىنىش» ۋە «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش»… دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان بۇ ئورۇنلارغا كىشىلەر قارا-قۇيۇق مۇددەتسىز سۇلىنىدۇ ۋە خىتاي قانۇنى بىلەن سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. دىندار دەپ تۇنۇلغان كىشىلەر، «چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار» كىشىلەر، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار ياكى تۇققانلىرى مۇشۇنداق ئىشلارغا چېتىلىپ قالغانلار توختاۋسىز ھالدا بۇ خىل تۇتۇش ئورۇنلىرىغا يوللىنىدۇ.   تاراتقۇ خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېرىشكەن مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، شىنجاڭدا كىشىلەر ئەگەر چەتئەلدىكى تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە قىلسا، كەلسە-كەلمەس تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىبارەت  زور خەپكە ئۇچرايدۇ. دائىرىلەر خىتاينىڭ سىرتىدىن كەلگەن تېلېفۇننى قۇبۇل قىلغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەلدى. دائىرىلەر يەنە كىشىلەرنى خىتاينىڭ شىفىرسىز ياكى شەخسىي ئاسرىغۇچىسىز ئەپلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاپ، پۈتۈن كىشىلەرنى  شىفىرلىك ئەپلەرنى قوللىنىشتىن تۇسۇشقا ئۇرۇندى. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «خىتاي: ئۇلار نەدە؟> شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشلار ھەققىدە جاۋاب بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى> » (https://www.amnesty.org/en/documents/asa17/9113/2018/en/) ناملىق دوكلاتىغا قاراڭ.   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان دىن، ئالاقە ئەركىنلىكى ھۇقۇقى ۋە باشقا كىشىلىك ھۇقۇقلىرى جەھەتتە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا دائىرىلەر تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۇلارنى نىشانلاشقا باشلىدى. باستۇرۇش تەدبىرلىرى: كەڭ كۆلەملىك قالايمىقان تۇتۇش، تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش، ئېغىر قۇراللار بىلەن كۇچا چارلاشنى كۈپەيتىش، تەكشۈرۈش نوقتىلىرىنى كۈچەيتىش ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر قاتار باشقا سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.   خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى توپلىغان مەلۇماتلاردىن سېرت، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تاراتقۇ خەۋەرلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، رايۇنلۇق ھۆكۈمەت 2017- يىلى باھاردا ئۇيغۇرلارنى كەڭ دائىرىدە تۇتۇشنى باشلىغان بولۇپ، تۇتۇلغانلارنى ياكى مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا يوللىغان، ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.   بۇ باستۇرۇش يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى قازاق ۋە قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگىمۇ قارىتىلغان.   ئىسىمى: ئابدۇجېلىل سۇپى جىنسى: ئەر     UA: 178/18 Index: MDE 25/9187/2018 Issue Date: 05 October 2018 [1]تەرجىمىسىنى ئۇيغۇر پىدائىلىرىمىز ئىشلىگەن.  

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

خىتاي باياناتى: شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملاشماقتا، بۇنداق باشقۇرۇش «ھۆرمەت»كە لايىق

دۈ ئۆكتەبىر 15 , 2018
شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ۋەزىيىتى بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ساياھەتچىلىكى قايتىدىن گۈللەنگەن مەنزىرىسىگە شنجاڭ بىخەتەرلىكىگە خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئىشەنچىسى ماس قەدەمدە تىزدىن ئەسلىگە قايتىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزا كومىتىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزگەرتىلگەن " ش ئۇ ئا ر رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامنامىسى" ئىلان قىلدى. بۇ نىزامنامە چوقۇم پۈتۈن شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دا "ئۈچ خىل كۈچ"كە قارشى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

You May Like