بىلىنكېن ۋە ئوستىن ئاسيا ئىتتپاقداشلىقىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيەدە

بىلىنكېن ۋە ئوستىن ئاسيا ئىتتپاقداشلىقىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيەدە

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ، 2021-يىلى 17_ مارت

 

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىلىنكېن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئالدىنقى ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى كەسىپداشلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئۈچۈن ياپونىيەگە كەلدى.

 

بىللىنكېن بىلەن ئوستىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان بىرلەشمە ماقالىسىدە «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.)» ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىككە بولغان بېسىمىنى مىسال قىلىپ، تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، بىزنىڭ ئورتاق كۈچىمىز بىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئەگەر بىز قەتئىيلىك بىلەن ھەرىكەت قوللانمىساق ۋە باشلامچىلىق قىلمىساق، بۇ ئىشنى بېيجىڭ قىلىدۇ.

 

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ 2 + 2 يىغىنىدىن ئىلگىرى، بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرۇش مۇددىتىنى ياپونىيىدە بىر يىل، كورىيىدە يەنە بەش يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

 

ئامېرىكىنىڭ 60 يىلدىن ئارتۇق ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيەدە 54 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ياشايدۇ، كۆپىنچىسى خونشۇ، كيۇشۇ ۋە ئوكىناۋادىكى ئاساسلىق ئورۇنلاردا. بۇلار ئامېرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى خىتاينىڭ ھەر قانداق ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچلىرى.

 

بىلىنكېن بىلەن ئوستىن دۈشەنبە كۈنى كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ياپونىيە بىلەن كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر، خىتاي مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن رايون سېپىنىڭ خەرىتىسىنى تېخىمۇ خىرەلەشتۇرۋېتىدۇ.

 

ياپونيە بىلەن كورىيە ئارىسىدا 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توكيونىڭ يېرىم ئارالنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋىلىشى بىلەن باشلانغان زىددىيەت داۋاملاشماقتا. بۇ ئىككى يىل ئىلگىرى سودا ئۇرۇشى سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن.

 

شەرقىي شىمال ئاسىيا، شەرقىي خىتاي دېڭىزى ۋە غەربىي تىنچ ئوكياندىكى باشقا رايونلاردىكى تەھدىتلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا ھەر ئىككى ئىتتىپاقدىشىنى تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىققا ئىلھاملاندۇرۇشنى خالايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

مەدىنە ئاي خانىم مەرال ئاقشەنەرگە ئۇيغۇر دوپپىسنى تەقدىم قىلدى.

پە مارت 18 , 2021
مەدىنە ئاي خانىم مەرال ئاقشەنەرگە ئۇيغۇر دوپپىسنى تەقدىم قىلدى.

You May Like