بېيجىڭ ئاق تاشلىق كىتاب «خىتاينىڭ ئېكسپورت كونترولى» نى ئېلان قىلدى

بۇ ھەپتە خىتاي دۆلەت كېڭىشى خەۋەر بۆلىمى تۇنجى «خىتاينىڭ ئېكسپورت كونترولى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا ئېكسپورتنى كونترول قىلىشتىكى «گۇرۇھ» ئالامەتلىرى ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن پەيدا بولغان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 31- دېكابىر

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان

 

چارشەنبە (29- دېكابىر) كۈنى يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قوش ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، ھەربىي مەھسۇلاتلار، يادرو مەھسۇلاتلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەھسۇلات، تېخنىكا، مۇلازىمەت ۋە باشقا بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىش، مەنئىي قىلىش ياكى چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدا دېيىلگەن «قوش ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار» خەلق ئىشلىرىغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ھەربىي ئىشلارغىمۇ ئىشلەتكىلى ياكى ھەربىي ئىشلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولغان بۇيۇم، تېخنىكا ۋە مۇلازىمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

يادرو تېخنىكىسىنىڭ ئېكسپورتىغا نىسبەتەن ئاق تاشلىق كىتابتا ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن: يادرو ئېكسپورتىنى خىتاي دۆلەت كېڭىشى كۆرسەتكەن ئىدارە مەخسۇس باشقۇرىدۇ، ھەمدە «پەقەت تىنچلىق مەقسەتتە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى قوبۇل قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىسىز ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك تىن ئىبارەت ئۈچ پرىنسىپ» نى قەتئىي يولغا قويۇش. باشقۇرۇش بۆلۈمى يادرو ئېكسپورتىغا نىسبەتەن قەتئىي بولغان تەكشۈرۈش تۈزۈملىرىنى يولغا قويىدۇ، ھەمدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلارغا قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.

 

«ئېكسپورتنى كونترول قىلىش گۇرۇھى»

ئاق تاشلىق كىتاب بولسا ئادەتتە ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان، ئاق تاشلىق مۇقاۋا بىلەن قاپلانغان مۇھىم ھۆججەتلەر بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم بىر ساھەدىكى بىرقەدەر ئۇزۇن مەزگىللىك مەيدانىنى شەرھىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئاق تاشلىق كىتاب 9000 خەتلىك بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىشقا ئائىت باب ۋە پاراگرافلاردا ئامېرىكىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان، مەسىلەن: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئېكسپورتتا كونترول قىلىدىغان بۇيۇملارنى پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.»

يەنە مىسالغا ئالساق، «خىتاي، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى بىلەن يادرو ساھەسىدە كېڭىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ كەلدى، ھەمدە قانۇن بويىچە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ھەمكارلىشىپ قانۇنغا خىلاپلىق پائالىيەتلەرگە بىرلىشىپ زەربە بەردى.»

ئەمما، خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمى: «نۆۋەتتە، خەلقئارا ئېكسپورت كونترولىمۇ بەزىبىر خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئورۇنسىز يولغا قويۇش ئەھۋاللىرى يۈز بەردى، «ئېكسپورتنى كونترول قىلىش گۇرۇھى» قۇرۇش ئەھۋاللىرى پەيدا بولۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ ئالامەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىندى، ئېكسپورت كونترولىنى خەلقئارالىق ماسلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىلىشى كېرەك.» دېدى.

«خىتاينىڭ ئېكسپورت كونترولى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب بولسا خىتاينىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئىككىنچى چوڭ ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق چوڭ ھەرىكىتى بىر يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق «ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قانۇنى» نى ماقۇللىغان ئىدى. بۇ قانۇندا،  ھەر قانداق دۆلەت ياكى رايون ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزسە، خىتاي ئەمىلىي ئەھۋالغا ئاسەسەن تەدبىر قوللىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىغا قارشى «قانغا قان، جانغا جان» ئېلىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس سالغان دەپ قارالدى.

سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتتىكى پروفېسسورى ئالېكىس كاپرى ئىلگىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي-ئامېرىكا تېخنىكا ئۇرۇشىنىڭ بىر خىل ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

سۈنئىي ئىدراك ۋە سىرەك توپا

«ئېكسپورت كونترول قانۇنى» چەتئەلدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنى جازالاشقا رۇخسەت بەرگەن بولۇپ، بۇ بېيجىڭنىڭ بەلكىم پۈتۈن دۇنيادا سەزگۈر تېخنىكىلارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

كاپرى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەن يەنە خىتاينىڭ ئېكسپورت كونترولى سۈنئىي ئىدراك ۋە ئالگورىزىم (algorithm) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدەك ناھايىتى قىزىقارلىق ئىشنى بايقىدىم.»

«بۇنى ئامېرىكىنىڭ تىك توكقا بولغان چەكلەش بۇيرۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل سۈنئىي ئىدراكنى ھەمبەھىرلەشنى خالىمايدۇ.»

بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئېكسپورت كونترول ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاينىڭ سىرەك توپىسىنىڭ ئېكسپورتىغىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن. بىر يىلنىڭ ئالدىدا «ئېكسپورت كونترول قانۇنى» چىققان ۋاقىتتا، سىرەك توپىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ئىدى.

خىتاي بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سىرەك توپا تەپىنلىگۈچى دۆلەت. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون قاتارلىق ئىستېمال خاراكتېرلىك ئېلىكتر مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ شامال كۈچى تۇربىناسىغىچە ھەممىسى سىرەك توپىنى ئىشلىتىدۇ.

جوڭشىن ئاكسىيە تەتقىقاتى كونترول قانۇنىنىڭ چىقىشى ۋە كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ سىرەك توپا ئېكسپورت تەمىناتى بەلكىم تېخىمۇ قىسقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇنيا بازىرىنىڭ خىتاينىڭ سىرەك توپىسىغا بولغان بېقىنىشچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېكسپورت كونترولى ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا سىرەك توپا تەمىناتى تېخىمۇ قىسقىرىشى، شۇ سەۋەبتىن سىرەك توپا باھاسى تېخىمۇ ئۆسۈشى مۇمكىن.

مەنبە: ب ب س خەۋەر تورى

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

مىللەتچىلىك نېمە ئۈچۈن مۇھىم

دۈ يانۋار 3 , 2022
مىللەتچىلىك نېمە ئۈچۈن مۇھىم
مىللەتچىلىك نېمە ئۈچۈن مۇھىم

You May Like