بەش نەپەر ئۇيغۇر ختاي دۆلەت كوماندسىغا تاللاندى: ئۇيغۇر ماھىرلار ختاي پۇتبولنى قۇتقۇزماقتا.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-ئاۋغۇست

ختاي پۇتبولىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش -جاللات شى جىن پىڭنىڭ ئارزۇسى، ئەمما ختاي پۇتبول ساھەسدىكى چىرىكلىك، بەدەن ساپاسى مەسلىسى قاتارلىقلار پۇتبول تەرەققىياتىنى توسۇپ قويغان.

ئۇزۇن يىل ئاسيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە مەغلۇپ بولۇپ كەلگەن ختاي دۆلەت كوماندىسى ئىلاجسز ئۆز مۇستەملىكىسى ۋە قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانى بولغان ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە،  قالتىس نەتىجىسنى نامايان قىلغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر توپچى ئەفرىدىن ئەسقەر، مۇتەللىپ ئىمىن، بەھرام ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار كىرودىيەدە مەشىق قىلىۋاتقان دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.

 بۇنىڭ بىلەن، ختاي دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ سانى بەش نەپەرگە يېتىپ، تارىختا ئەڭ كۆپ بولدى.

ئەفرىدىن ئەسقەر U20 دۆلەت كوماندىسىنىڭ باشلىقى، بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن، قەشقەردىن.

مۇتەللىپ ئىمىن بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ،  ئوخشاشلا قەشقەردە تۇغۇلغان. 19 ياشلىق بەھرام ئابدۇۋەلى غۇلجىدا تۇغۇلغان.

بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزبەكستاندا ئىلىپ بىرىلغان ئاسيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسدە، ختاي كوماندىسى بىلەن قىرغىزستان كوماندىسى ئوتتۇرسدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە، ئۇيغۇر رونالدۇ دەپ ئاتالغان 7-نۇمۇرلۇق ماھىر ئەفرىدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، 1:1 نەتىجە بىلەن ختاي دۆلەت كوماندىسنى قۇتقۇزۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدىن چىقشىغا تۆھپە قوشتى.

ختاي بىلەن سەئۇدى ئوتتۇرسدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە ئەفرىدىن بىلەن مۇتەللىپ، پۈتۈن مۇسابىقىنى كونتىرۇل قىلدى،65-مىنۇتتا ئەفرىدىن بەرگەن پاسنى تاپشۇرۇپ ئالغان مۇتەللىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

72 مىنۇت بولغاندا مۇتەللىپ شۇشەن چۋەنگە پاس بىرىپ، توپ كىردى، مۇسابىقە 2 دە نۆل نەتىجە بىلەن ختاي سەئۇدى كوماندىسنى ئۇتتى.ختاينىڭ سەئۇدىن كوماندىسنى يىڭىشى ئاسيادا ختاينىڭ پۇتبول ساھەسدە قايتا جانلىنىش ئۈمىدىنى قوزغىدى

3-ئاينىڭ بېشىدا ختاي دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ مەشىق تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ،  ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا، ئابلاخان خالىق تىزىملىككە تاللىنىپ كىردى. ئەفرىدىن ئەسقەر بىلەن بەھرام ئابدۇۋەلى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللاندى. 

يېڭى ماھىرلار دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلار رەسمىي ھالدا 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ۋە U23 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىگە ئاتلىنىدۇ.

 2022-يىلى ختاي U-23 دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى 22 ئادەمنىڭ تىزىملىكىدە ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا، دىلھىمىت تۇردى،  ئېلىجان شىنار قاتارلىق ئۇيغۇرستاندىن كەلگەن ئۈچ ماھىر بار. 

ختاي ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەرنى تەشۋىقات ئۈچۈن ئ‍شلىتىش ئ‍ىھتىماللىقىمۇ بار، ئەمما ختاي تېخى خەلقئارا ئۇيغۇرلارنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلغىنى يوق.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ھۆكۈمىتى: ئۇيغۇر پۇتبولچىلار ختاي كوماندىسنى ئاسيا لوڭقىسىدا 8 كۈچلۈك قاتارىغا ئىلىپ كىرگەن؛

يە ئاۋغۇست 27 , 2023
ختاي تاراتقۇلىرىدىن خەلق تورى،شنخۋا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىلى 3-ئايدا .ئۆزبەكستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە، «شنجاڭلىق تۆت ماھىر جۇڭگونى 8 كۈچلۈك قاتارىغا ئىلىپ كىرگەن.» 3-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئاسىيا لوڭقىسى U20 ئەرلەر پۇتبول D گۇرۇپپىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ختاي كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن قىرغىزىستان كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئاخىرىدا بىر مەيدان ئۇتۇش، بىر […]
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى

You May Like