بېرىتانىيە پادىشاھلىقى سايلىمىدا لىبرال ئەمگەك پارتىيسى ئۇتۇپ چىقتى. يېڭى باش مىنىستىر ۋەزىپىگە ئولتۇردى

مەزكۇر پارتىيە ئۆتكەن ئايدا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۆرەش قىلىشنى پارتىيە سياسى نىزامنامىسگە كىرگۈزگەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 5-ئېيۇل

4-ئېيۇل كۈنى ئىلىپ بىرىلغان ئومۇمى سايلامدا ئەمگەك پارتىيسى 412 ئاۋازغا ئېرشىپ مۇتلەق يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. پارتىيە لىدىرى كەيىر ستارمىر (Keir Starmer) پادىشاھ چالىزغا قەسەم بىرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۋالدى.بۇ ئەنگىلىيەدە 8 يىلدا ئالتىنچى قىېتىم باش منستىر ئالمىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇتتۇرىۋەتكەن كونسرۋاتىپلار پارتىيسى باش مىنىستىر رىشى سۇناك نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىگە ئەپسۇسلاندى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتكە ئۇتۇق تىلىدى.

ياۋروپادا ئوڭچىللار ئۇتۇق قازىنىۋاتقان پەيتتە بېرىتانىيەدە لىبراللارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى دىققەت قوزغايدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

رۇسىيە ئاۋىستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەلىك 63 ئادەمنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى مەنئى قىلدى

دۈ ئىيۇل 8 , 2024
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 26 – ئىيۇن تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاۋىستىرالىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە 27 ئاۋىستىرالىيە پۇقراسى ۋە 36 يېڭى زېلاندىيە پۇقراسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدۇ. باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەدىكى شەخسلەر ۋە قانۇنىي ئىگىلەرگە […]
روسيە

You May Like