بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 29 ئادەم ئۆلگەن

بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 29 ئادەم ئۆلگەن

 بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 29 ئادەم ئۆلگەن

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى19-ئاپرېل

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 18-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونىغا جايلاشقان «چاڭ فېڭ» دوختۇرخانىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئوت ئاپىتىدە 29 ئادەم ئۆلگەن. ئەمما تۋىتتېر ۋە باشقا ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

2022-يىلى نويابىردا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن زور ئوت ئاپىتى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ۋەھالەنكى بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن بېيجىڭ دائىرىلىرى نەق مەيداننى قاتتىق قامال قىلىپ ئاممىنىڭ تېلېفونلىرىدا سىن ۋە رەسىم تارتىشىنى چەكلىگەن، شۇنداقلا خىتاي تورلىرىدا ئوت ئاپىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلغان. بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 كىشى قولغا ئېلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ب ب س: دالاي لامانىڭ قىلمىشى خىتايلارغا پايدا، تىبەتلەرگە زىيان ئېلىپ كەلدى

جۈ ئاپرېل 21 , 2023
ب ب س: دالاي لامانىڭ قىلمىشى خىتايلارغا پايدا، تىبەتلەرگە زىيان ئېلىپ كەلدى

You May Like