بايدىن-شى ئۇچرىششى: ختاي ئېقتسادى ئىغىر زەربىگە ئۇچرىماقتا

ختاي: ئامېرىكا بىلەن ياخشلاشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئامېرىكا: چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-نويابىر

بۇ يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئامېرىكا سان فىرانسسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسيا-تىچ ئ‍وكيان ھەمكارلىق يېغىنى» مەزگىلىدە ختاي رەئىسى شى جىن پىڭ بۇ يېغىنغا قاتنىشىدۇ. يېغىن داۋامىدا، بايدىن بىلەن شى جىن پىڭ كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

بۈگۈن ختاي مۇئاۋىن رەئىسى خەن جىڭ مۇنداق دىدى: بىز ئامېرىكا بىلەن ھەر قانداق سەۋىيەدىكى دىئالوگ ۋە سۆھبەتكە تەييارلاندۇق.ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، پەرقىمىزنى ياخشى كونتىرۇل قىلىش ۋە خەلقئارالىق كىرزىسلارنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا تەييارلاندۇق.»دىدى.

شى جىن پىڭ ئۆتكەن ھەپتە « ئامېرىكا بىلەن ختاينىڭ مۇناسۋەتنى ياخشلايدىغان ۋاقتى كەلدى، بۇ ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق، ئامېرىكا-ختاي مۇناسۋىتىنىڭ ئاساسى خەلق ئارسىدا»دىگەن.

ئۆتكەن 5 يىلدىن بىرى، ختاي-ئامېرىكا مۇناسۋىتى كۈنسايىن يامانلاپ ماڭدى. ئاۋال تىرامپ باشلىغان سودا ئۇرۇشى، ئ‍ارقىدىن بايدىن يۈرگۈزگەن ختاينى يادرولۇق تېخنىكىدىن چەكلەش ئۇرۇشى ۋە « ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» ختاينى ئامېرىكا بازىرىنى تەدىرىجى يىراقلاشتۇرۇش ۋە ختاي شركەتلىرىنىڭ يادرولۇق تېخىنىكا كۈچىگە ئىغىر زەربە بەردى. ختاي ئېقتسادى ئۇدا ئىككى يىل ئاجىزلاپ ماڭدى.

نۆۋەتتە، دۇنيا چوڭ جەھەتتىن، ئامېرىكا مەركەزلىكىدىكى غەرپ ۋە ختاي مەركەزلىكىدىكى دىكتاتۇر دۆلەتلەر گۇرۇپپىسغا ئايرىلغاندا، ختاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىمسزلىق ۋە ئېقتسادى چىكىنىش- ختاينى ئامېرىكا بىلەن مۇناسۋەتنى ياخشىلاشقا مەجبۇر قىلماقتا.

ئۇنداقتا بۇ ئىككى دۆلەت يېرىكلەشكەن، دۈشمەنلەشكەن مۇناسۋىتىنى ياخشلىيالامدۇ؟

بۇ قېتملىق ئۇچرىشش نەتىجىسدە بىر يۈرۈش ئاددى ۋە ئ‍ۇششاق بايانات ۋە كىلىشملەر ئىلان قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسمۇ، ئاق ساراي سى ئەن ئەنگە جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىگەن: ئاساسلىق پەرقلەر ۋە مەسللەر داۋاملىق ساقلىنىدۇ، چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

ئالدى بىلەن بايدىننىڭ ختايغا قاراتقان سياسىتىدىن ئامېرىكىدا ھىچكىم رازى ئەمەس، قاتتىق قول سياسەتچىلەر: «بايدىن ختايغا يتەرلىك قاتتىق قول بولمىدى»دەپ تەنقىد قىلسا، مۆتىدىللەر: « بايدىن ختايغا ھەدىدىدىن زىيادە قاتتىق قوللۇق قىلىپ، ئامېرىكا ئېقتسادىغا زىيان ئىلىپ كەلمەكتە.»دەپ تەنقىد قىلماقتا.

ئامېرىكا-ختاي ئارسىدىكى زىدىدىيەت-ماھىيەت خاراكتىرلىك زىددىيەت بولۇپ، بۇ ختاينىڭ «ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئىلىش ۋە ئامېرىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ختاينىڭ دۇنياۋى تەسر كۈچىنى چەكلەش، تەيۋەنگە ھەربى ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش،ئ‍نسان ھەقلىرىنى ئەيىپلەش» ئوتتۇرسدىكى ماھىيەتلىك پەرقلەرگە چېتىلىدۇ.

بايدىن بىلەن شى نىڭ ئ‍ۇچرىششى بۇ چوڭ مەسللەرنى ھەل قىلالمايدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ باشلىشى بىلەن پىرەزدىنت بايدىنغا خەت يېزىپ، شى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇر مەسلىسنى تىلغا ئىلىشنى سوراپ، ئىمزا توپلاش پائالىيتى ئىلىپ بارغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىگە-چاقىسز ئۇيغۇر ئ‍ستانبۇلدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان

چا نويابىر 8 , 2023
ئىگە-چاقىسز ئۇيغۇر ئ‍ستانبۇلدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن ئىلىندى.8-نويابىر ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈرەتتىكى ئەكبەرجان ئىسملىك ئۇيغۇر كىشى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى بىر دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان. بۇ كىشىنڭ كەسپى ئاشپەز بولۇپ، ئاقسۇدىن ئىكەن. تۈركىيەدە ھېچقانداق ئۇرۇق – تۇغقىنى يوقكەن، ئۆزى يالغۇز ياشغانىكەن. ئاغرىپ يېتىپ قالغىلى 8 […]
ئەكبەرجان ۋاپات ولدى

You May Like