بايانات: نۇرى تۈركەل ئىستىپا بەردى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېڭى رەھبەر سايلاپ چىقتى

17-ماي، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «رەھبەرلىك ئالمىشىشى ۋە جىنسى پاراكەندىچىلىك قىلمىشى ھەققىدە بايانات»ناملىق بايانات ئىلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەزكۇر باياناتنى مۇستەقىل ھالدا تەييارلاپ ئىلان قىلدى.

تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ 17-ماي كۈنى ئ‍ىلان قىلغان دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرچىسى:

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) سابىق مۇئاۋىن رەئىس ، دوكتور جاستىنيان رۇدېلسون بېن-ئادامنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇدىرىيەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇدىرىيەت ئالدىنقى رەئىس نۇرى تۇركەلنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە سۈكۈت قىلمايدۇ ھەمدە يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچىمىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى- ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىدىكى ئاياللار ۋە بارلىق پائالىيەتچىلەرنى قارشى ئالىدىغان مۇھىتقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بىز دىققىتىمىزنى تارتقان ئەيىبلەشلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بۇ خىل ئەيىبلەشلەر تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ، بىز ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانىدۇق ، ھەمدە داڭلىق ۋە تەجرىبىلىك ئادۋوكاتلىق ئورنىنى مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدۇق.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى- جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئائىت ئەيىبلەشلەرنى يەنىمۇ مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەرز قىلغۇچىلار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان شەكىلدە بارلىق ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىغا ئىگە قىلىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى- ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە، بىزنىڭ ھازىرقى ئەخلاق ۋە ئەرز-شىكايەت سىياسىتىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياردەم ئىزدەيدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى- شەخسلەرنىڭ بىخەتەر ھالدا ئۆز ئەندىشلىرىنى ئ‍وتتۇرىغا قويالايدىغان مۇھىت يارىتىش، ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. تېزدىن ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

بىز خىزمەت ئورنىدا جىنسىي زوراۋانلىق ۋە پاراكەندىچىلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار قوشۇمچە كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ،ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ بىخەتەر خىزمەت مۇھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

بىز شۇنى بىلىمىزكى، بىز بىر تەشكىلات سۈپىتىدە تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز.

بىز ئەندىشىسىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ھەمكارلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك ياكى تەھدىتكە يول قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.»

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

مۇسۇلمان ئالىملار سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ ئاياللار سۇ ئۈزۈش كىيمى مودىل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

شە ماي 18 , 2024
بۇ ھەپتە ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ غەربىدىكى ئۇمماھات ئەلشايخ شەھىرىدە ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۇ ئۈزۈش كېيمى مودىلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تېۋتتردا نۇرغۇن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ «غەززەدە پەلەستىنلىكلەر ئۆلۈۋاتىدۇ، سلەر نىمە قىلىۋاتسلەر؟»دىگەن تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. سەئۇدى ئەرەبستان ھۆكۈمىتى ۋەلىئەھدىسى سەئۇدىنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ياۋروپاسى قىلىش ئۈچۈن، تەنتەربىيە، كىنو-فىلىم، تېخنىكا، سەنئەت (مۇزىكا-ئۇسۇل-رەسم) قاتارلىق ساھەلەرگە كۆپلەپ […]
سەئۇدى ئەرەبستان

You May Like