بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەردىكى سېمىزلىكنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشماقتا. ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ دائىم ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بولىدۇ، يۇقىرى ئېنېرگىيەنى ئۇزاق مۇددەت زىيادە قوبۇل قىلىدۇ، سەرپىيات زىيادە ئاز بولىدۇ، يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، ھامبۇرگ بولكىسى، ياڭيۇ قەلەمچىسى قاتارلىقلارنى يېيىشكە ئامراق كېلىدۇ ھەمدە ھەرىكەت مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ.
بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەردە چوڭلارغا ئوخشاش كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كىچىك تەرەت قىلىش قېتىم سانى ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ئۇسساش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش؛ تاماق مىقدارى بۇرۇنقىدىن ئازراق ئاشىسىمۇ، بەدەن ئېغىرلىقى، ئاشماي ئەكسىچە تۆۋەنلەش ياكى ئېشىشى ئاستا بولۇش. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بالىلار ئاسانلا چارچاپ، ماغدۇرسىزلىنىپ، روھىي ھالىتى ياخشى بولمىسىمۇ، ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشى كېرەك. بالىدىكى زەخىمنىڭ ساقىيىشى ئاستا بولۇش ياكى تەكرار يۇقۇملىنىش، مەسىلەن، تېرە چىقان ئىششىقى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارمۇ دىيابېت كېسەللىكىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلاردا بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دىياگنوز قويدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، قان شېكىرى سىجىل يۇقىرى بولۇش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە: كۈندىلىك ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق ، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، قەنت-گېزەك، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك ۋە تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ھەرىكەت جەھەتتە: بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر سائەت ئوتتۇراھال سىجىللىقتا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار؛ يەنە بەزى كۈچ مەشىقلىرىنى مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىپ، مۇسكۇلنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.