ب د ت 79-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن ئۈچىنچى كومىتېتى: كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى ئومۇمىي مۇھاكىمە

 شىنجاڭ ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات

ئاۋسترالىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى، ئەلچى جەيمس لارسېن جانابلىرى تەرىپىدىن ئوقۇلغان بايانات

2024-يىلى 22-ئ‍ۆكتەبىر

مەن تۆۋەندىكى دۆلەتلەر: كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ياپونىيە، لىتۋا، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، بېرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە مېنىڭ دۆلىتىم ئاۋسترالىيە نامىدىن بۇ ئورتاق باياناتنى ئوقۇش  شەرىپىگە نائىل بولدۇم.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىشقا ۋەدە قىلغان بولۇپ، ختايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتا.

ئىككى يىل ئىلگىرى، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى باھالاش دوكلاتىدا، شىنجاڭدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۆلىمى «خەلقئارالىق جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسىلەنگەن.

كېيىنچە، ب د ت نىڭ ئەھدىنامە ئورگانلىرىمۇ ئوخشاش قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشاش تەۋسىيەلەرنى  بەرگەن. بۇلار 2022-يىلى 11-ئايدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ ئاخىرقى خۇلاسسى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى جىددىي ھەرىكەت قارارى؛ شۇنداقلا مېيىپلار ھوقۇقى كومىتېتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى كومىتېتى ۋە ئاياللارغا قارىتا كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ 2022-يىلى سېنتەبىر، 2023-يىلى مارت ۋە 2023-يىلى ماي ئايلىرىدىكى ئاخىرقى خۇلاسىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسى بويىچە خىزمەت گۇرۇپپىسى» كۆپلىگەن خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش دىلولىرى توغرىسىدا باياناتلارنى ئىلان قىلغان، ھەمدە 20 دىن ئارتۇق ئالاھىدە تەرتىپ ھوقۇقلۇق ئەمەلدار شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى ئەندىشلىرىنى بىلدۈرگەن.

بارلىق جۇغراپىيەلىك رايونلاردىن كەلگەن مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسلىرى ختاينىڭ ئۆز ھۈججەتلىرىگە ئاساسلىنىپ چېقارغان  ھەر تەرەپلىمە خۇلاسە ۋە تەۋسىيەلىرىدە، كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك، دىن ۋە مىللەت ئاساسىدا سىستېمىلىق نازارەت قىلىش؛ مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل كىملىكى ۋە ئۇلارنى ئىپادىلەشكە قارشى  قاتتىق ۋە ئورۇنسىز چەكلىمە قويۇش؛ قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي زوراۋانلىق، جۈملىدىن مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىۋېتىش؛ ۋە دىنىي ھەم مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر دەلىللەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

ختاينىڭ ب د ت نىڭ ئاساسلىق ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىشىغا  نۇرغۇن پۇرسەتلىرى بار ئىدى.

ئەمما ختاي 7-ئايدىكى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باھالىشىنى «قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز» دەپ ئاتىغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئاۋغۇستتىكى باياناتىغا كۆرە، شىنجاڭدىكى خاتا قانۇن ۋە سىياسەتلەر يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

باياناتتا يەنە ختاينى  دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باشقۇرىدىغان قانۇن -تۈزۈملىرىنى كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىشقا چاقىرغان.

رەئىس جانابلىرى، شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئەندىشىمىزگە ئوخشاش، بىز يەنە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلاردىنمۇ جىددىي ئەندىشە قىلىمىز.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامە ئورگانلىرى ۋە ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەرتىپ ھوقۇقلۇق ئەمەلدارلار تىبەتلىكلەرنىڭ تىنچ سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى؛ ئۇلارغا قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسى؛ مەجبۇرىي ئەمگەككە سلىنىشى؛ بالىلارنى ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىش؛ ۋە تىبەتتىكى تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە دىنىي ھوقۇق ھەم ئەركىنلىكلەرنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي خاتىرىلىگەن.

بىز ختاينى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈستىگە ئالغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باھالشى، ئەھدىنامە ئورگانلىرى ۋە باشقا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنىڭ بارلىق تەۋسىيەلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ چاقىرىق  يەنە شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى بارلىق خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش، شۇنداقلا غايىب بولۇپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقدىرى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى جىددىي ئېنىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئوچۇق -ئاشكارا بولۇش-  ئەندىشىلەرنى تۈگىتىشنىڭ ئاچقۇچى. بىز ختاينى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاش ئۈچۈن ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتكە توسالغۇسىز ۋە ئەركىن ھالدا  كىرىشىگە يول قويۇشقا چاقىرىمىز.

ھېچقانداق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما ھېچقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرى ئۈستىدىن ئادىل نازارەت قىلىنىشتىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ.

ھەممىمىزگە پايدىلىق بولغان،  بارلىق دۆلەتلەر جاۋابكار بولىدىغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.

رەھمەت سىزگە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like