ئايدا جانلىقلار بارمۇ؟ ئاي شارى تاشقى پىلانېتلىقلارنىڭ ئالەم كېمىسىمۇ؟

فانتازىيىلىك كىنولاردىكى ئاي شارى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىغا بولغان قىزىقىشلىرى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئاي شارىنى غايەت زور ئالەم كېمىسى دەپ قارايدۇ؟ بۇنى ئاي شارىغا بولغان تەتقىقاتتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

فانتازىيىلىك كىنولاردىكى ئاي شارى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىغا بولغان قىزىقىشلىرى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئاي شارىنى غايەت زور ئالەم كېمىسى دەپ قارايدۇ؟ بۇنى ئاي شارىغا بولغان تەتقىقاتتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاۋۋال، «ئاپوللو» 12-نومۇرنىڭ قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئاي شارى شېغىللىرىدا، يېشى 20 مىلياردتىن ئاشىدىغان تاش بار بولۇپ، يەر شارىنىڭ يېشىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن. كەم دېگەندىمۇ يەر شارىدىن بەش مىليارد ياش چوڭ بولغان ئاي شارى ئېنىقكى يەر شارى بىلەن تەڭ شەكىللەنمىگەن، ئۇ ھەتتا قۇياش سېستىمىسىغا تەۋە بولماسلىقى كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاي شارى شېغىلىنىڭ زىچلىقى يەر شارى شېغىلىنىڭ زىچلىقىدىن چوڭ، شۇڭا ئاي شارىنىڭ زىچلىقىمۇ ئىنتايىن چوڭ، لېكىن تارتىش كۈچى پەقەت يەر شارىنىڭ ئالتىدىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ. تەتقىقاتچىلار يەنە يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئەسۋابى ئارقىلىق سۈنئىي پەيدا قىلىنغان تەۋرەشنى ئۆلچەپ، ھەر بىر قېتىملىق ئاي تەۋرىشىنىڭ نەچچە سائەت داۋاملاشقانلىقىنى ھەمدە ئاي تەۋرەش دولقۇنىنىڭ يەر تەۋرەش دولقۇنى تارقىلىش ئارىلىقىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. 1972-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بىر غايەت زور مېتېئورىت تاش ئاي شارىغا سوقۇلغان، سوقۇلۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان غايەت زور ئاي تەۋرەش ئاي شارىنىڭ ئىچكى قىسمىغا يېتىپ بارغان، ئەگەر ئاي شارى ئۇيۇل بولسا، ئۇنداقتا تەۋرىنىش ئۇدا نەچچە قېتىم داۋاملاشقان بولاتتى، بىراق غايەت زور تەۋرىنىش ئاي شارىنىڭ ئىچكى قىسمىغا يەتكەندىن كېيىن، بىۋاسىتە يوقاپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن دادىل بىر پەرەزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان: ئاي شارىنىڭ ئىچى ئۇيۇل ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، غايەت زور بىر بوشلۇق بار ئىكەن. لېكىن، تەبىئىي شەكىللەنگەن پىلانېتنىڭ ئىچىدە غايەت زور بوشلۇق بولسا، بۇ بىزدە يەنە ئاي شارى سۈنئىي ياسالغان بىر غايەت زور ئالەم كېمىسى بولۇشى مۇمكىن دېگەن قىياسنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاي شارى يەر شارىنىڭ ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭلۇقىمۇ تەبىئىيلىكتىن سەل چەتنەپ كەتكەن. شۇنداقلا، ئاي شارىغا تولۇپ كەتكەن چوڭ-كىچىك مېتېئورىت ئازگاللىرىنىڭمۇ گۇمانلىق تەرىپى بار. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، نورمال مېتېئورىت سوقۇلۇش زەربىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، مېتېئورىت تاش دىيامېتىرىنىڭ 4~5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىشى كېرەك. بىراق ئاي شارىدىكى مېتېئورىت ئازگاللىرى ناھايىتى تېيىز، مەسىلەن، دىئامېتىرى 93 كىلومېتىر بولغان غايەت زور مېتېئورىت ئازگىلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئاران ئىككى كىومېتىر. بۇنداق بولۇشى كىشىنى ئاي شارىدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ ئاستىدا ھەتتا مېتېئورىت تېشىپ ئۆتەلمەيدىغان دەرىجىدە بىر قەۋەت ئىنتايىن مۇستەھكەم ماددا بارلىقىغا گۇمانلاندۇرماي قالمايدۇ. تېخىمۇ غەيرى بولغىنى، ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاي شارىدا ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ھادىسىلەر بولغان. 1786-يىلى 4-ئايدا، ئاسترونومىيە ئالىمى ۋىللىيام (William Hessel) ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە يانار تاغ پارتلىغانلىقىنى بايقىغان؛ 1843-يىلى ئىزچىل ھالدا ئاي شارى يەر شەكلى خەرىتىسىنى سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گېرمانىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمىنىڭ دېيىشىچە، ئەسلىدە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاي شارىدىكى لىنى ئازگىلى بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتكەن؛ 1882-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئالىملار ئاي يۈزىدە يۆتكىلىپ يۈرگەن ئېنىقسىز جىسىمنى بايقىغان؛ 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاي شارىنىڭ يۈزىدە يەنە ئۈچ نۇقتىدا روشەن يورۇقلۇق بايقالغان؛ 1956-يىلى، ياپونىيە تەتقىقاتچى خادىملىرى ئاي يۈزىدە يۆتكەلگەن جىسىمنى يەنە بىر قېتىم بايقىغان؛ … ئەلۋەتتە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر يەنە ئىنتايىن كۆپ، لېكىن كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تەس. ھەتتا، قىسمەن سۆزلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ئاي يۈزىدە ئېھرامغا ئوخشاپ كېتىدىغان قۇرۇلۇشلارنى بايقىغان. ھەر خىل سىرلار يەنە بىر خۇلاسىگە قارىتىلغان: ئاي شارى تەبىئىي شەكىللەنگەن ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنىڭ يەر شارىنى كۆزىتىش پونكىتىدۇر. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، ئاي شارىدا جانلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئاينى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكىنىڭ سابىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ UFOنى راستىنلا كۆرگەنلىكى ئىسپاتلاندى

پە ئاپرېل 26 , 2018
1979-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ سابىق ئالاقە مۇدىرى مائۇرىس چەتتېرتونمۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاي شارى ئاسمىنىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىملار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى «ئادەتتىكى ئىش» دېگەنىدى.

You May Like