ئاۋسترالىيەمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى

ئاۋسترالىيەمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى08-دېكابىر

08-دېكابىر ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون بايانات بېرىپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىكقا ھېچقانداق ھۆكۈمەت تەرەپ رەسىمى ۋەكىلى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: « ئاۋسترالىيە تەرەپ ئىزچىل ھالدا خىتايغا شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت)دىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ئەندىشىسىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن باشقا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى، بىز خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلاتتۇق، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا بۇ پۇرسەتلەرنى قوبۇل قىلماي كەلدى».

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ بۈگۈن بايانات بېرىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ كېلىش كەلمەسلىكى ئۆزىنىڭ ئىشى، ھېچكىمنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق دېدى. ئەمما سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلغان ھالدا خىتاي تەرەپنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ باياناتىغا ئىنتايىن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ نارازىلىق مەكتۇپى ئەۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيەنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ قارىغۇلارچە باشقا دۆلەتلەرگە ئەگىشىپ، ھەق ناھەقنى پەرق قىلالماس دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىك دەپ شىكايەت قىلىپ جار سالدى.

بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەلكىم پۈتۈنلەي بايقۇت قىلماسلىق ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن. 

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، كانادانىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ئەھۋاللىرى توغرىسىدا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپنىڭ  بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، كانادانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ پات يېقىندا قارار ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۈگۈنگە قەدەر فىرانسىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرۈلمىگەن. ئەمما تۈنۈگۈن يەنى 7- دېكابىر فىرانسىيەدىكى رادىكال سولچىل پارتىيە «تىز پۈكمەس فىرانسىيە» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، كېلەر يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى نامزاتى Jean Luc Mélenchon ئۆزىنىڭ تىۋىتتېرسىدا خىتاب قىلىپ فىرانسىيەنى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلماسلىققا چاقىرغان. 

يۈسۈپجان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى ۋە مەخپىي ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغان <ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش >پىلانى

چا دېكابىر 8 , 2021
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى ۋە مەخپىي ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغان <ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش >پىلانى

You May Like