ئاۋسترالىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلاشماقتا

ئاۋسترالىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلاشماقتا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25- نويابىر

ئاۋسترالىيە تاراتقۇسى «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» (The Sydney Morning Herald) گېزىتىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئاۋام خەلقنىڭ پىكىرلىرى ئارقىسىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى كېلەر يېلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان. 

مەزكۇر خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمەتتىن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش سادالىرى كۈنسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، يېقىندا يۈز بەرگەن خىتايدىكى داڭلىق تېننىس ماھىرى پىڭ شۇەي بىلەن خىتاي سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ گاۋلى سەتچىلىكىدىن كېيىن پارلامېنتتىكى ئىككى چوڭ ئاساسلىق پارتىيە ۋەكىللىرى قەتئىي ھالدا بېيجىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنغان. شۇ ۋەجىدىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ھېچقانداق ئورگان تەرەپ ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەسلىكنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىننىڭ بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلىرى سەۋەبلىك بېيجىڭ ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەنگلىيە ۋە كانادالارنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن بۇ ھەقتە مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. مەزكۇر خەۋەردە يەنە مەنبەسىنى ئاشكارىلىمىغان ئاساستا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى قارارىنى پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئاشكارلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكەن.

 

مەنبە: فىرانسىيە خالقئارا رادىئوسى

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

يېشىللار پارتىيەسى گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىگە مەسئۇل بولسا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ

جۈ نويابىر 26 , 2021
يېشىللار پارتىيەسى گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىگە مەسئۇل بولسا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ

You May Like