تەييارلىغۇچى: ئەردەم
كوررېكتور: مەنزىل
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-12-19
ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت 19- دېكابىر بېيجىڭدا 92 يېشىدا ۋاپات بولدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنى يوقلاپ باردى.
تۆمۈر داۋامەت 1927-يىلى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز يېزىسىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كىيىن، تۆمۈر داۋامەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزا باشلىقى، رايون باشلىقى، ھاكىم، ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1965-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ (شەرقىي تۈركىستان -ت) مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1977-يىلدىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى قاتارلىق رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇليىتىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان. ئۇ يەنە شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان نۇرغۇن شېئىر توپلاملىرى ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغان. تۆمۇر داۋامەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر 12مۇقامىنى رەتلەش خىزمىتى ئشلەنگەن.
ئارخىلوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، قۇربان ۋەلى خىتاي باشلىقلارنىڭ «قەدىمكى قوليازمىلاردا تۈركىستان دېگەن سۆز ئۇچرىسا، ئۇنى شىنجاڭغا ئۆزگەرتىش، خىتاي دېگەن سۆز ئۇچرىسا، ئۇنى جۇڭگوغا ياكى خەنزۇغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغان»، ئەمما تۆمۈر داۋامەت رەئىسلىك قىلغان مەزگىلىدە «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى مەركەزنىڭ ئەينەن نەشر قىلىش، ئۇنىڭدا ھازىرقىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سۆزلەر بولسا ئىزاھات بېرىش دېگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن نەشر قىلىش كېرەك» دەپ يوليۇرۇق بېرىپ، قۇربان ۋەلىنىڭ تارىخنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان.